دائىم لازىم بولىدىغان ئەپچىل شىپالىق چارىلەر

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/08/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۇلاخمالىق | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: گۇلاخمالىق

كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەمگە ئويلىمىغان يەردىن ئادەتتىكى نەرسىلەرمۇ شىپا بولىشى مۇمكىن. تۆۋەندە مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بەزى ئاددى ئۇسۇللارنى سۆزلەپ بېرەي:
1 - زۇكامنى ئاددى ئۇسۇلدا داۋالاش:
ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تىز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يىسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى :  باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاسىتە ئوتقا قاقلاپ( گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پۇشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پۇشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويىۋېتىپ يىسىڭىز تەملىك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پۇشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىززىپ قالغان بولسىڭىز ئىستېمال قىلماڭ.

2 - يەنە زۇكامنى داۋالاش:
ئەگەر بۇرنىڭىز چىڭىشىش، گېلىڭىز ئاغرىش، قىززىتمىڭىز ئۆرلەش، كۆزىڭىز قىززىش، ئۇستىخانلىرىڭىز ئاغرىش، باش ئاغرىش دىگەندەك ئالامەتلەر بولسا شاتۇت كونسېرۋاسى ئىستېمال قىلىڭ. تىزلا ئۈنۈمى بولىدۇ.(تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ)
    ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ئاسان ئىچى سۈرىدىغانلار 100 گرام ئەتراپىدا، ئىچى سۈرمەيدىغانلار 200 گرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىڭ.
دىقەت قىلىدىغان ئىشلار: قان بېسىمى زىيادە تۆۋەنلەر ئىھتىيات قىلىڭ.

 

 

زەخىملىنىش، پاشا چېقىش، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، تاش چۈشۈرۈشكە ئائىت ئەپچىل چارىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار