ئىبن سىنا ۋە ئۇنىڭ تېبابەتچىلىك قاراشلىرى ھەققىدە

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/09/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابلەت ياسىن بابا | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

 

ئىبن سىنا ۋە ئۇنىڭ تېبابەتچىلىك قاراشلىرى ھەققىدە

ئابلەت ياسىن بابا
( مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ،100081)


 قىسقىچە مەزمۇنى: شەرق  ئىلىم ساھەسىدىكى گىگانت ئىلىم ساھىبى، بۈيۈك پەيلاسوپ، ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالىم ئىبن سىنانىڭ ئۆمرى تېبابەتچىلىك بىلەن زىچ باغلانغان، ئۇ ئۆزىنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنيا مېدىتسىنا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ماقالىدا ئىبن سىنانىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىك  قاراشلىرى، بولۇپمۇ ئۆمۈرى تەبىئىيە ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى كۆز قارشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىبن سىنا؛ تېبابەتچىلىك قاراشلىرى.

جۇڭگو كىتاب تۈرلىرى نومۇرى : R291.5    ماقالە تۈرى بەلگىسى :A     ماقالە رەت نومۇرى: 08-0010-01(2012)5977-1009

 

 

شەرق ئىلىم خەزىنىسىدىكى گىگانت ئىلىم ساھىبى، بۈيۈك پەيلاسوپ، ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئالىم، شەيخۇل رەئىس ئىبن سىنانىڭ ئۆمرى تېبابەت بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى پەلسەپە ۋە تېبابەت جەھەتتە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئىبن سىنا كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان، ئون ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ئىلىم مەركىزى، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا بېرىپ تېبابەت، پەلسەپە قاتارلىق ئىلىملارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەڭ داڭلىق تېۋىپ ۋە تېبابەت ئۇستازىغا ئايلانغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىبن سىنا ئۆز ھاياتىدا 200 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسلىقى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان. يەنە ئاز بىر قىسىملىرى پارس تىلىدىمۇ يېزىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىككە ئائىت ئەسەرلىرى بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «ئەلقانۇن فىت تىب » (تېبابەت قانۇنى ) ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 12- ئەسىردىلا لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، غەرب مېدىتسىنا تەرەققىياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. تاكى 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە غەرب ئەللىرىدە تېبابەت دەرسلىكى سۈپىتىدە پايدىلىنىلىپ كېلىنگەن. ئىبن سىنانىڭ تېبابەت ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولغاچقا، ئۇ مۇسۇلمانلاردىن چىققان تېبابەت پىرى، تېبابەت شاھى دېگەن كاتتا شۆھرەتكە ئىگە بولغان. ئۇ غەرب دۇنياسىدا قەدىمكى گىرىتسىيەلىك تېۋىپ گىپپوگرات، گالىن بىلەن بىر قاتاردا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ گىگانت دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىبن سىنانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تېبابىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئەلقانۇن فىت تىب » ناملىق مەشھۇر ئەسىرى يۇنان، پارس، ھىندىستان ۋە جۇڭگو قاتارلىق قەدىمىي ئەللەرنىڭ تېبابەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ يېزىلغان ئىلغار سەۋىيەدىكى ئەسەر بولۇپ، جەمئىي بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قىسىمدا تېبابەت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تېبابەت ھەققىدىكى ئېنىقلىما، قاراشلار، كېسەللىك ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا ئىبن سىنانىڭ ئاساسى تېبابەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىككىنچى قىسىمدا ئاساسلىقى ھەرخىل دورىلار تونۇشتۇرۇلغان. ئۈچىنچى قىسىمدا بەدەن قورۇلمىسى بويىچە كېسەللىك سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى چۈشەندۈرۈلگەن. تۆتىنچى قىسىمدا ئومۇمىي بەدەن كېسەللىكلىرى سۆزلەنگەن. بەشىنچى قىسىمدا ھەرخىل رېتسېپلار ۋە دورا ياساش ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن.
تۆۋەندە ئىبن سىنانىڭ « ئەلقانۇن فىت تىب » ناملىق ئەسىرىنى ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان ئاساستا، ئۇنىڭ تېبابەت قاراشلىرى ئۈستىدە بەزى مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزىمەن. (كېيىنكى بەتكە قارالسۇن)

 


ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: ئابلەت ياسىن بابا (1983-يىلى تۇغۇلغان)، مىللەتشۇناسلىق كەسپى مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى يۆنىلىشى دوكتور ئاسپىرانتى.

مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى 2012-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى.


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار