ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى 100-سان شەرىپىگە

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/09/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

 

مەۋقەنى ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقاتقا قويۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك

ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ــــ مەكتىپىمىز ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 100سان چىقىرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

 

ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت( ئالىي مۇھەررىر)
(شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى، خوتەن،848000)

 

 قىسقىچە مەزمۇنى:  «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 100سان نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ مائارىپ-ئوقۇتۇش، داۋالاش-دورىگەرلىك ساھەلىرىدىكى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتسىيسىنى جارى قىلدۇرۇش  جەھەتتە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ماقالىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 100سانىغا نەزەر سېلىنىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر قىسقىچە خۇلاسە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى ژۇرنال باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەزى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى؛ 100سان؛ خۇلاسە.

 

 

مەكتىپىمىز ئىلمىي ژۇرنىلى ــ «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ  مائارىپ-ئوقۇتۇش، داۋالاش، دورىگەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت  قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان، مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان قوش ئايلىق ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، 1991-يىلى چىقىرىلىشقا باشلىغان. شۇندىن بۇيان مەكتىپىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، كەڭ ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى، شۇنداقلا ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدىكى خادىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى ئارقىسىدا، ژۇرنال يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئازلىقتىن كۆپىيىپ، ھازىرغىچە 100 سان ژۇرنال چىقىرىلىپ (ئالاھىدە ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 3288 پارچە ئىلمىي- نەزەرىيەۋى  ماقالە  ئېلان  قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ جۇڭيى - مىللىي تېبابەتچىلىككە قارىتىلغان فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر  تېبابەتچىلىكىنىڭ مائارىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، ئاساسىي نەزەرىيە، كلىنىكىلىق داۋالاش، دورىگەرلىك،  تارىخ ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ژۇرنال 2011- يىلىدىن باشلاپ پەسىللىك ژۇرنالدىن قوش ئايلىق ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلىپ، بېتى  96 بەتتىن 122 بەتكە كۆپەيتىلىپ، ژۇرنال چىقىرىش مۇساپىسىدە يەنە بىر يېڭى بۇرۇلۇش پەيدا بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلدى.

 


 
ژۇرنلىمىز 100-سانىنى قۇتلۇقلاش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان مۇنەۋۋەر ئاپتور ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر