خەنزۇلارنىڭ ئەل ئىچى رېتسىپىدىن 50 پارچە

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/10/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر ئابدۇللا ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: abdulla74

توردا خەنزۇچىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ رېتسىپلارنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بارلىقىنى ئۇقمايمەن، بەزىلىرى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەندەك. يەنە بەزى رېتسىپلارغا دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ياكى مىللىتىمىزدە ئىستېمال قىلىنمايدىغان خۇرۇچلار ئىشلىتىلىپتۇ. ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. -تەرجىماندىن.

 


1.  ھاراق تاشلاش: ئازراق تېتىتقۇنى سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى سەر ئۆرۈك مېغىزىنى چىلاپ ساقلاپ، ھاراققا ئىككى تېمىم تېمىتىۋەتكەندىن كېيىن ئىچسە، ھاراق تاشلىغىلى بولىدۇ.

2. تاماكا تاشلاش: سىپارى (binlang槟榔)نى تېشىپ، ئىچىگە ئازراق نىكوتىن سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلىپ سايىدە قۇرۇتىمىز. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا ئۇنى پۇرىسا بولىدۇ (ئەمەلىيەتتە، ھاراق-تاماكىنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن كىشىگە يۇقىرىقى چارىلەرنىڭ ھاجىتى يوق).

3.  مەستلىكتىن يېشىش: ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، چايدىن 100 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ، مەستلەشكەن (پەسلەشكەن) كىشىگە ئىچۈرۈۋەتسە، مەستلىكتىن يېشىلىدۇ (لېكىن، ھاراقتىن بۇلغانغان روھىنى پاكلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس).

4.  چىشنى ئاقارتىش: چىش پاستىسىغا ئازراق سودا قوشۇپ چىش چوتكىلىسا، ئۈچ قېتىمدىلا چىش ئاقىرىدۇ، چىش دېغى چۈشۈپ كېتىدۇ.

5. ئېغىز پۇرىقىنى يوقىتىش: كۈندە ئۈچ قېتىمدىن چاي چايناپ بەرسە، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېغىز پۇرىماس بولىدۇ.

6.  ئۈنى پۈتۈپ قالغاندا: ئاتسېتىن (ئاچچىقسۇ جەۋھىرى)دىن 50 گىرام، ئاق شېكەردىن 50 گىرامنى 250 گىرام سوغۇق سۇغا سېلىپ چالغىتىپ، ئالدىرىماي ئىچىپ بەرسە، بىر كۈندىلا ساقىيىپ كەتكەي. ئەھۋالى ئېغىرلار ئاخشىمى ئىككى قېتىم كۆپ ئىچسە بولىدۇ.

7. چوڭ تەرەت قېتىۋالسا: بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى سۇڭپىيازدىن بىر بوغۇم كېسىپ، كۈنجۈت مېيىغا مىلەپ، مەقەتكە كىرگۈزۈپ، مەقەت ئىچىنى مايلاپ بەرسە بولىدۇ. ئۇزۇن يىللىق كېسەللىك ئالامىتى بارلار كۈنجۈت مېيى ئورنىغا ئاچچىسۇ جەۋھىرى ئىشلەتكەي.

8.  تەڭگە تەمرەتكە (جاھىل تەمرەتكە): يېرىم جىڭ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە پوستى سويۇۋېتىلگەن قارىغاي ئۇرۇقىدىن بىر سەرنى چىلاپ ئىككى كۈن قويغاندىن كېيىن، كۈندە ئۈچ چېتىمدىن يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاپېلسىن پوستى تالقىنىدىن بىر قوشۇققا كۈنجۈت مېيىدىن يېرىم قوشۇق قوشۇپ، مەلھەم قىلىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

9. چىش ئاغرىقى: ياڭاق مېغىزىنى ئوتتا قىزىتىپ، ئاغرىغان چىشتا چىشلەپ بەرسە، بىر قانچە قېتىم چىشلىگەندىن كېيىن چىش ئاغرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلىدۇ.

10.  بۇرۇن قانىسا: بۇرۇندىن قان كۆپ ئېقىپ كەتسە، بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بۇرۇننىڭ قان ئاققان تۆشۈكىگە قارشى تەرەپتىكى قولىنى (بۇرۇننىڭ ئوت تۆشۈكىدىن قان ئاققان بولسا سول قولنى دېگەندەك...) ئېگىز كۆتۈرۈپ بەرسە، قان توختايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار