يۆتەلنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن داۋالاش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | ۋاقتى: 2012/10/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۈلزارقىز تۇرغۇن | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: گۈلزارقىز تۇرغۇن

 

 

1. ئاق تۇرۇپ: ئاق تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ يالپاقلاپ، چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى-ئۈچ قوشۇق شېكەر سېلىپ، بىر كېچە قويۇپ قويسا، شېكەر ئېرىپ، چىنىگە سۈيى يىغىلىدۇ، بۇنى ئېچىپ بەرسە يۆتەلنى توختىتىدۇ،
2. كۆك تۇرۇپ: كۆك تۇرۇپنى توغراپ، يۇمشاق ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ قاينىتىپ ئىچسە يۆتەلنى توختىتىدۇ.ياكى كۆك تۇرۇپتىن تۆشۈك ئۇيۇپ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ، ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ ئىچسە يۆتەلنى توختىتىدۇ.
3. ئامۇت: ئامۇتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ئىچىگە چاكاندا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ئامۇت قايناپ پىشقاندا ئىچىدىكى چاكاندىنى ئېلىۋېتىپ ئىستېمال قىلسا، قۇرۇق يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
4. نەشپۈت: بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.
5. بېھى: بېھىنى ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەلنى دەرھال توختىتىدۇ.
6. ئالما: ئالمىنى ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسا يۆتەلنى توختىتىدۇ.
6. پىياز: قىزىل پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرۇپ ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ.
- «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر