يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2013/01/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01


1. 10 گرام زېغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
2. ئىككى گرام پىندۇق مېغىزىنى ئىزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ.
4. 16 گرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.
5. پالەكنى سېرىقمايدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، يۆتەل، گال ۋە كۆكرەك يىرىڭلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 


6. بەش گرام شېكەر قومۇشنى 120 گرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. بالىلارنىڭ يۆتىلى ئۈچۈن بەدىيان كۆكى سۈيىنى ئانار ياكى ئېشەك سۈتى بىلەن بىر ئىچكۈزسە، ناھايىتى ياخشى شىپا بولىدۇ.
8.  15دانە ئۇرۇقسىز ئۈزۈمنى بەش گرام سەۋسەن بىلەن ئىستېمال قىلسا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.
9. 10 گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىستېمال قىلسا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
10. كېۋەز يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن 12 گرام ئېلىپ، قەنت بىلەن ئىچسە يۈتەلگە شىپا بولىدۇ.  

- <<شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى>> 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر