ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ غەرب تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/10/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: قەيسەر ئابدۇكېرىم يۈكسەل | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئالەمنىڭ سۇ، ئوت، ھاۋا، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ياكى تۆت ماددىنىڭ زىددىيىتى ۋە مۇرەككەپلىكىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر ۋە ئىنساننىڭ ساقلىقى  ھەمدە كېسەللىكىنىڭ شۇ تۆت ماددىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆت تادۇ ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ―Ⅷ ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكتايلار ئارقىلىق قەدىمكى گىرېتسىيە تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ھىپوگراتنىڭ ‹تۆت فىزىس› قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-400-يىللاردا خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېۋىپ غازباينىڭ «غازباي  ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى»ناملىق ئەسىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.  غازباي ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ  ماددىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىنەپشە، بەدىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز قاتارلىق 312خىل دورىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەل داۋالاشتىكى شىپالىق تەسىرلىرىنى تونۇشتۇرغان. غازباي توغرۇلۇق شىنجاڭدا ھازىرغىچە ساقلانغان ماتېرىياللار يوق. پەقەت ھىندىستان مەنبەلىرىدە بۇ توغرۇلۇق خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رىياللىق قويۇق رىۋايەت  تۈسىنى ئالغان.شۇنداق بولسىمۇ، بىز غازباينىڭ تارىم ۋادىسىدا ياشىغان مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ياكى ھېچ بولمىدى دېگەندە لوقمان، خۇاتۇغا ئوخشاش نامى خەلق ئارىسىدا ئەسىرلەر بويى ساقلانغان خاسىيەتلىك تېۋىپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.
 
 
غازباينىڭ «غازباي  ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى»ناملىق ئەسىرىدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ- دەريالارنى كېزىپ غازباينى تاپقان.غازباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە- چېۋىلەرنىڭ يەرلەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقى، بىنەپشە بەدىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرىتىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت- چۆپ، دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. غازباينىڭ 312 ماددىلىق بۇ كىتابىنى ھەيرەتتە كۆرۈپ تەھسىن- ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە بۇ ئەسەرنى ئەپلاتۇننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. غازباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم  ئالماشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئەفلاتۇننىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن بارىنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان، غازباينىڭ تېببىي ئىلمىدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي ئەنفىيالۇسنى ئېلىپ تارىمغا قايتقان. ئەسەرنى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 350 يىل بۇرۇن يېزىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى، ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427- يىلى تۇغۇلۇپ 347- يىلى ۋاپات بولغان دۇنياغا مەشھۇر يۇنانلىق ئالىم. ھەممىگە ئايان قەدىمكى يۇنان جۇڭگو، مىسىر، ھىندىستانغا ئوخشاش قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەپلاتۇن يۇناننىڭ مەركىزى ئافېنانىڭ شەھەر سىرتىدىكى ئاكادەمۇس دېگەن يېزىدا مەكتەپ ئېچىپ، ھەر خىل ئىلمىلەردە نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. ھەر خىل پەنلەرنى تەتقىق قىلغان، پۈتۈن زېھنىنى ئىلىم- مەرىپەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان. شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازباينىڭ دورىلار قامۇسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇ خىل تەسىر يۇنان تېبابەتچىلىك نەزەرىيەسى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
 
-«شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2014-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان قەيسەر ئابدۇكېرىم يۈكسەلنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ باشقا ئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرگە بولغان تەسىرى» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر