تۇرمۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلار

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: تاللانغان شىپالىق رېتسىپلار | ۋاقتى: 2012/05/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: نۇربىيە ئابدۇۋاھىد | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

1. قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا تۇز قوشۇلغان قايناقسۇنى ئىچسە ئاغرىش دەرھال پەسىيىدۇ.

2.  2~9 گىرام ئاپلېسىن پوستىنى سۇدا قاينىتىپ، چاي ئورنىدا دەملەپ ئېچسە، قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3. ھەر كۈنى بىرنەچچە تامچە ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇلغان قايناق سۇ ئىستىمال قىلسا قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ، ياكى ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتلەرگە نىسپەتەن 2 گىرام ھەسەلنى قايناق سۇدا دەملەپ كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە ، 4~5 كۈندە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.

4.  ھەر دائىم پۇتى پۇرايدىغانلار پۇتىغا ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم ئاچچىقسۇ سۈركەپ بەرسە، سېسىق پۇراق يوقىلىدۇ.

5. تولۇق پىشقان قىزىل ئۈزۈمنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تېرە يېرىلىشقا مەنپەئەت قىلىپ، تېرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

6. ھۆل ئانارنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئېستىمال قىلسا، سۇلۇق قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. خام ياڭيۇنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەر كۈنلۈكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

8. تېرە زەخمىلىنىپ قانىسا ،جاراھەت ئېغىزىغا چىش پاستىسى سۈرۈپ قويۇلسا ئاغرىقنى، قاننى توختىتىپلا قالماي، مىكروبلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

9. پاشا، ھەرە، كەركە قۇرت، چۈمۈلە قاتارلىقلار چېقىۋالغاندا، ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ قويۇلسىلا، ئاغرىش، ئىششىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

10. قايناق سۇ ياكى ئوتتا كۆيۈپ قالغان كۆيۈكلەرنى ئاچچىقسۇ بىلەن يۇسا، ئاغرىقنى توختېتىپ، قاپىرىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە كۆيۈك ساقايغاندىن كېيىن تاتۇق بولۇپ قالمايدۇ.

11. ئاپتاپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە، مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ،ئېزىپ خىمىر قىلىنىپ، رىماتىزىم خاراكتىرلىك كېسەللەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيىدۇ.

12. قارىئۆرۈك قېقىنى يۇمشاق ئەزگەندىن كېيىن، ئاچچىقسۇغا چىلاپ، سۇيۇقلۇقنى جاراھەتلەنگەن جايغا ھەر كۈنى 2~3 قېتىمغىچە سەپسە، 7 كۈن ئەتراپىدا قاداق تەبئىي ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ

13. تاتلىق ياڭيۇنى ئوتتا پۇشۇرۇپ ،پوستىنى سويىۋىتىپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە مۇۋاپىق ئېستىمال قىلسا ،بەدەنگە قۇۋۋەت بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

14. گالغا بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قالغاندا بىرقانچە يۇتۇم ساپ ئاچچىقسۇ ئېچىۋەتسە قىلتىرىق يۇمشاپ گالدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

15. چىلاننى ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلسا، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

16. ھېرىپ – چارچاپ كەتكەندە،  ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇلغان قايناق سۇ ئىچىلسە، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ مېڭىنى ئاچىدۇ.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر