ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رىتسىپلىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ياپونىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ 12 تۈرلۈك سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپىنى يەكۈنلەپ چىقتى.
1.تەركىبىدە ۋىتامىن س مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە ئۆمرى بەش يېرىم يىل ئۇزىرايدىكەن.  
2.ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپرەك جەم بولسا، ئۆمرى تۆت يىلدىن 10 يىلغىچە ئۇزىرايدىكەن.   
3 .ھەر كۈنى قانونىيەتلىك ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، ئۆمۈر يەتتە-سەككىز يىل ئۇزىرايدىكەن.   
4.كۈچلۈك ئېلىكتىر دۇلقۇنى ھاسىل قىلىدىغان ئېلىكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتسا، يەتتە-سەككىز يىل ئارتۇق ياشايدىكەن. يانفۇن ۋە تېلېفۇننى بىر قېتىم ئاز ئۇرسا ئۆمۈرنى 45سىكۇنت ئۇزارتقىلى ، تېلېۋىزۇرنى بىر قېتىم ئاز كۆرسە، 40 سىكۇنت ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. 
5.ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق گۆش يېمىسە،ئۆمۈرنى توققۇز يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.  
6.تاماكا چەكمىسە، بەش-ئالتە يىل ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
7.خولىستروننى كونترۇل قىلسا، ئۆمۈرنى تۆت يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.
8.يوقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە،ئۆمۈرنى سەككىز يىلدىن كۆپرەك ئۇزارتقىلى بولىدىكەن .
9.بالىلار بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرسا، ئۆمۈرنى ئالتە يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.
10.قان بېسىمىنى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمىدىن تۆۋەن ساقلىيالىسا، ئۆمۈرنى بەش يېرىم يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.
11.نورمال جىنسىي تورمۇشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇرالىسا، ئۆمۇرنى يەتتە يىلدىن ئارتۇق ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. 12.ئۈمىدۋار،چىقىشقاق بولسا، شەرەپ-نۇمۇس، مۇۋەپپەقىيەت، مەغلوبىيەتكە ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىسە، ئۆزىگە زىيادە قاتتىقلىق قىلمىسا، ئۆمۈرنى ئالتە يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر