كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى قارا چەمبىرەكنى يوقىتىش ئۇسۇلى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ۋىتامىننىڭ يېتىشمەسلىكى كۆزنىڭ ئەتراپىدا قارا چەمبىرەك پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىن E  ۋە ۋىتامىن A بولغان سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى، ھەرخىل پۇرچاق، كۈنجۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
2. ئوچۇق - يورۇق، خۇشال - خۇرام يۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى كەيپىيات ياخشى بولمىسا ئادەم ئاسان چارچاپ، قان تومۇرلارنىڭ يىغىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ - دە ، كۆزنىڭ ئەتراپىدا قارا چەمبىرەك پەيدا بولىدۇ. كەيپىيات نورمال ئەھۋالدا قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ. تىرە پارقىراپ قىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا دائىم خۇشال يۈرۈش كېرەك.
3. كېچىسى ئوبدان ئۇخلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكلىقى ئېشىپ قارا داغلار ئازلايدۇ.
4. جۇڭگوچە داۋالاشتا، كۆز ئەتراپىدا قارا چەمبىرەكنىڭ پەيدا بولۇشى بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورىلارنى يەپ بەرگەندە، كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى قارا چەمبىرەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر