ھاراقنى تىزگىنلەش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش پايلىق، ئىچكەندىمۇ ئۈزۈم ھارىقى ئىچكەن ياخشى. داۋاملىق ئاز مىقداردا ئۈزۈم ھارىقى ئىچپ بېرىش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چۈنكى، ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە بېنزوئىك كىسلاتا، سىننامات كىسلاتاسى ۋە باشقا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بولغاچقا، ماددا ئالمىشىشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورگانىزمغا پايدىسى بولىدۇ. ھەر كۈنلۈكى 9~34 گىرام ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرگەنلەردە قان نۆكچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھاراق ئىچمەيدىغانلاردىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۈزۈم ھارىقى، بولۇپمۇ قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئوكسىدلىنىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرسە ياشانغانلاردىكى كۆرەلمەسلىك، دېۋەڭلىك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. چۈنكى، ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بولۇپ، بۇلار ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كونكرېت مىقدارىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى ئىچىشتىن بۇرۇن ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىش، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى كەچتە ئىچىش كېرەك. ئەتىگەندە قاندا ماي بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر