دائىم قىزىق تاماق يېيىش پايدىسىز

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ  ئالدىنى ئالغۇچىلار ۋە ئۇنى داۋالىغۇچىلار ئۇزۇن ۋاقىت كۆزىتىش ئارقىلىق، دائىم قىزىق تاماق يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىدىكى ئېپتېلىيىلەرنىڭ كۆيۈپ تۇرىدىغانلىقى ، بۇ خىل زەخىمنى ئورنىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توقۇلما ھۈجەيرىلىرنىڭ بۆلۈنۈشى تىزلىشىدىغانلىقى ۋە توقۇلمىلارنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىكى ئاساسقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى، بۇنداق چاغدا كۆكىرىپ قالغان پاسكىنا يېمەكلىكلەر، كۈچلۈك ھاراق ۋە تاماكا تەسىرلىرىگە ئۇزاق ۋاقىت ئۇچۇرغاندا، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ نەيلياڭ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ كۆپ پەيدا بولۇشى، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ شوۋىگۈرۈچىنى بەك قىزىق ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا باغلىق ئىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدىمۇ قىزىلئۆڭگەچ  راكى كۆپ پەيدا بولىدۇ، بۇ جايىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدىمۇ قىزىق شوۋىگۈرۈچ ۋە بەك قىزىق قايناقسۇ ئىچىدىغان ئادەت بار. بۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر