مىجەز- خاراكتېر ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سىز دوختۇرخانىلارنىڭ پىسخىك ئامبۇلاتورىيىلىرىگە ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆرۈنگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئورتاق مىجەز- خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇلاردا كۆپرەك تۆۋەندىكىدەك مىجەز- خاراكتېر بولىدۇ:
1.سەزگۈلۈك: روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئازراقلا زەربىگە ئۇچرىسا پۇت- قولىدا جان قالمايدۇ، تېبابەتتە بۇ « ماغدۇرسىزلىق مىجەزى » دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل مىجەزلىكلەر ئازراقلا بىئاراملىق ھېس قىلسا ئۇخلىيالمايدۇ.
2.ئۆزىنىڭكىنى راست دېيىش: بۇ خىل مىجەزلىكلەر ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ناۋادا ئويلىغىنىدەك بولمىسا ئۈمىدسىزلىنىپ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ.
3.دىمىقتا بولۇش: مەغلۇبىيەت ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمەي، ئويغا پېتىپ قالىدۇ. خىزمەتلەردىكى سەۋەنلىكى ياكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئىچ پۇشۇقىنى ئۇنتۇيالمىغانلىقتىن، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ.
4.تەلەپچانلىق: ئەگەر ئۆزى قارار قىلغان ئىشنى قىلالماي قالسا، كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ، مەسىلەن، ئەتىگەندە ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆيىدىن چىقىش؛ چۈشلۈك غىزانى دەل سائەت 12 دە يېيىش؛ بىر ھەپتىلىك غىزانىڭ تۈرى تەكرارلىنىپ قالماسلىق، بۇ غىزانىڭ ئورنىغا باشقا غىزا قالسا قەتئىي يېمەسلىك دېگەندەك. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتىنىمۇ بەلگىلەپ قويىدۇ، ھەرقانداق چاغدا ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەگەر ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا بىئارام بولۇپ كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ، ئوبدان ئۇخلاش ئۈچۈن تەرتىپلىك تۇرمۇش بولۇش مۇھىم شەرتتۇر، بىراق مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.
5.ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش: ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغانلار ئۆزىنى ئەقلىي، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە جىسمانىي جەھەتتە باشقىلاردىن ئاجىز چاغلايدۇ. بۇ خىل كىشىلەرئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇخلىيالماسلىقتىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ.
يۇقىرىقى كىشىلەر نېرۋا خاراكتېرلىك ئەسەبىيلىك كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. بۇ خىل مىجەز تۇغما بولىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى كېيىن شەكىللەنگەن بولىدۇ، بەزىلەر نېرۋا خاراكتېرلىك ئەسەبىيلىك، نېرۋا كېسەللىكى ۋە روھىي كېسەللىكنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. نېرۋا خاراكتېرلىك ئەسەبىيلىك مىجەز ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، كېسەللىككە كىرمەيدۇ. نېرۋا كېسەللىكى، ئېلىشىپ قېلىش قاتارلىقلار بولسا كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. نېرۋا خاراكتېرلىك ئەسەبىيلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىنىدىغانلارنىڭ مىجەز جەھەتتە مەلۇم ئاجىزلىقى بولىدۇ- دە، ئۇيقۇسى قاچىدۇ. شۇڭا، ئەگەر يېنىڭىزدا بىرەرى ئۇيقۇسىزلىققا مۇپتىلا بولغان بولسا، ئۇنىڭ دەردىگە يېتىڭ، يېقىن ئارىلىشىشمۇ ئۇيقۇسىزلىققا شىپا تېپىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە.
بۇ خىل مىجەزدىكى كىشىلەر ئۇيقۇنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ نىشانى ئەمەسلىكى، ئۇيقۇسىزلىقنىڭمۇ ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك ئۇنداق ئېغىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇخلىيالمايدىغانلار بىرىنچىدىن، ئۇيقۇنى ئۇنچىۋالا مۇھىم دەپ قارىماسلىقى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيقۇنىڭ ئادەم تېنىنىڭ تەبىئىي ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلاپ، كەلمىسە زورلىماسلىقى، ئۆز تەبىئىيلىكىگە بېقىپ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چوڭ مېڭىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خىياللارنى قىلماي، ئاددىي ھەم زېرىكىشلىك ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، پەلەمپەيدىن چىقىپ- چۈشۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، چارچىغاندا ئورۇنغا كىرىپ، ئەركىن ھالەتتە ئۇيقۇغا كېتىشى لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر