ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان بىمارلارنىڭ كۈتۈنۈشى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان كېسەللەرگە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى ھاراقنى كۆپ ئىچىشنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ھاراق تاشلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
بىرىنچىدىن، بۇ خىل بىمارلار ئالدى بىلەن ھاراققا خۇمار بولۇشتىكى سىرتقى ئامىللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى كېرەك. ئادەتتە ھاراق ئىچىدىغانلار جەمئىيەتتىكى بەزى مۇناسىۋەتلەر ئېھتىياجى بىلەن ھاراق ئىچىدۇ، بەزىلىرى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، بەزىلىرى جەمئىيەتتىكى بەزى رېئاللىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئىچىدىكى ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ زورلىشى بىلەنمۇ ئىچىدۇ. ھاراق ئىچىدىغان كېسەللەر يۇقىرىقى پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ھەمدە ئۆزىنى كونترول قىلىپ ھاراق ئىچمەسلىكى لازىم.
ئىككىنچىدىن، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلارمۇ بىر- بىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھاراقنى زورلىماسلىقى، ئۆزلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى يېڭىشى لازىم.
ئۈچۈنچىدىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تاماكا چېكىدىغانلارغا قوللىنىلغان تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھاراق ئىچىدىغان بىمارلارنى ھاراق ئىچىش بىر ئازابلىق ئىش ئىكەن، دېگەن يەرگە كەلتۈرۈپ ھاراق تاشلاتقۇزۇشقىمۇ بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر