جىسمانىي ۋە روھىي بېسىم چوڭ بولسا، جىگەر كېسەللىكى ئەدەپ كېتىدۇ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكى باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئوخشاش ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئائىلىدە ئۈنۈم بېرىدىغان دورا كەمچىل بولغاندا، داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك ئاسانلا قايتىلىنىپ تۇرىدۇ؛ بەزىدە جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار جەمئىيەت، ئۇرۇق- تۇققان، قېرىنداش، دوستلارنىڭ چۈشەنمەسلىكىگە ۋە ناتوغرا مۇئامىلىسىگە ئاسان ئۇچراپ تۇرىدۇ، كېسەللىك ئازابىغا بۇلار قوشۇلۇپ، نۇرغۇن بىمارلاردا ئاسانلا چوڭراق روھىي بېسىم ۋە ئىدىيەۋى يۈك پەيدا بولىدۇ. بەزىلەردە ئىچى تىتىلداش، ئاسان غەزەپلىنىش، ئىچى تارلىق قىلىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بەزىلەردە غەمگە چۆكۈش، ھەسرەتلىنىش، ئۆزىنى كەمسىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە بەزىلەردە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە زىيادە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش ۋە جىددىيلىشىپ كېتىش قاتارلىقلار بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك كەيپىيات ئۆزگىرىشىدىن گەرچە ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىش تەس بولسىمۇ، لېكىن سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئۆزىنىڭ جىددىيلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بېسىمنىڭ كېسەللىكتىن ساقىيىشىغا قىلچىمۇ پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
ئالدى بىلەن كېسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر خۇشال- خۇرام، ئاكتىپ كەيپىياتنى ساقلاپ كېسەللىكتىن ئىبارەت بۇ رېئاللىققا توغرا قاراش كېرەك. سوزۇلما جىگەر ياللۇغى بىلەن ئېلىشىشقا ئۇزاق جەريان كېتىدىغانلىقىن تولۇق تونۇۋېلىش، مەسىلەن، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئېلىشقاندا، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس، كۈچىنى توپلاپ ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەندىلا، ئاندىن تولۇق غەلىبە قازانغىلى بولغىنىدەك، سوزۇلما جىگەر ياللۇغىغا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدىغان دورا گەرچە كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلىدىن بىمارلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەسلىگە كېلىپ بولدى، يەنە خېلى بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسىلى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى. يېڭىچە داۋالاش تېخنىكىسى ۋە يېڭى دورىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنىڭ تەدرىجىي پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئېتىبار بېرىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى مەن بىمار، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايمەن دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز لازىم. دوختۇرنىڭ داۋالاش پىلانىغا بويسۇنۇپ، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئوڭۇشسىز ئامىللاردىن ساقلىنىشىمىز لازىم، مەسىلەن، زىيادە چارچاپ كېتىش، جىددىيلىشىش، يېمەك- ئىچمەكنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم. ۋاقتىدا دەم ئېلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە زىيادە ھاياجانلىنىشقا بولمايدۇ، كۆڭۈلنى بىر خىل تۇتۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھەقىقىي سىلىق بولۇپ، كېسەللىكتىن ساقىيىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقىلى بولىدۇ.

جىگەر كېسەللىكىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئاجايىپ- غارايىپ تەشۋىقاتلارغا قانداق قاراش كېرەك
باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئوخشاش، سوزۇلما جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كېسەللىكى سەۋەبىدىن قانچىلىغان دوختۇرخانىلارنى قايتا چۆگىلەپ باقىدۇ، ھەتتا بەزىدە ھەر خىل « مەخسۇس بۆلۈم ئامبۇلاتورىيەسى »، « ئاتا- بوۋىسى مىراس قالدۇرغان رېتسىپ » دېگەندەك ئورۇنلارغا بېرىپ باقىدۇ. چۈنكى، بۇ بىمارلار بەلكىم مۇبادا تەلىيىم كېلىپ قالسىچۇ؟ دەپ ئويلايدىغاندۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق تەلەينىڭ كىشىگە كەمىكى تەس. بۇنداق بىمارلارنىڭ روھىي ھالىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ تەسلىكى ۋە بازاردىكى مەنپەئەت ئېلىش بولشۇقىنى كۆرۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا قوشلۇپ تەشۋىقات- ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قائىدىلىك باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن تېببىي داۋالاش، دورا تەشۋىقاتلىرى يەر- جاھاننى قاپلاپ كەتتى. ياخشى ئادەممۇ بار، يامان ئادەممۇ بار، راست- يالغاننى ئايرىماق تەس بولغانلىقتىن، بىر قىسىم بىمارلار يولدىن ئادىشىپ، غەلىتە دائىرىگە كىرىپ قالىدۇ.
ھازىر بازاردا مۇبالىغە قىلىنغان تەشۋىقاتلار ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى، مەسىلەن، « 100 يىللىق ئاتا- بوۋىدىن قالغان مەخپىي رېتسىپ، جىگەرنى داۋالاشتىكى ئالاھىدە دورا »، « چوڭ-كىچىك ئۈچ مۇسبەتنىڭ  ھەممىسىنى مەنپىيگە ئۆزگەرتىمەن »، « ساقىيىپ كېتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز، ئۈنۈم بەرمىسە پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز » دېگەندەكلەر. كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئادەم كۆرسە، ھەقىقەتەن قايمۇقۇپ قالىدۇ. بىلىپ قويۇڭكى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بايقالغىلى ئەمدى نەچچە ئون يىل بولدى، ۋىرۇس تېخى بايقالمىغان تۇرۇپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ چىقىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئۈنۈم بېرىشكە ئاساسىي جەھەتتىن يېقىنلىشىپ قالدى، تەخمىنەن %50 بىمار ۋىرۇسنىڭ قايتا ياسىلىشىنى تورمۇزلاشتا داۋالىنىش مەقسىتىگە يەتتى، %100 جىگەرنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدىغان دورا تېخى يوق. « چوڭ – كىچىك ئۈچ مۇسبەتنىڭ ھەممىسى مەنپىيگە ئۆزگىرىدۇ » دېگىنى ئادەم ئالدايدىغان گەپ. چوڭ- كىچىك مۇسبەت دېگەن B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىنىڭ ئانتىگېنى ياكى ئانتىبودىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئانتىگېننىڭ مەنپىيگە ئايلىنىشى ئۈچۈن، پەيدا بولغان ئانتىبودىنىڭ مەنپىيگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، مەنپىيگە ئايلاندۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئانتىبودىنىڭ ئادەم بەدىنىنى قوغداش رولى بار. ئۇلارنىڭ بۇ دورىلىرى ئانتىبودىنى ئۆزگەرتىپ نەگە ئاپارماقچى؟ كەسىپ ئەھلى بىر قاراپلا بۇنىڭ مېدىتسىنانىڭ ئاددىي ساۋاتىدىن خەۋىرى يوق بىمارنى ئالداش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنپىيگە ئۆزگەرتمەكچى بولغىنى ئەمەلىيەتتە پەقەت بىمارلارنىڭ يانچۇقىدىكى دوختۇرغا كۆرۈنمەكچى بولغان پۇلىنى « مەنپىي قىلماقچى ».
ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتەن بەزى بىمارلار بۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ مۇبالىغىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئەتراپنى ئايلىنىپ سىناپ بېقىپ، دوختۇرغا كۆرۈنمەكچى بولغان پۇلىنى تۈگىتىپلا قالماي، بەزىدە تېخى كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېلىپ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر