ﺋﻮﯓ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭗ، ﺳﻮﻝ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺑﺎﺳﺎﻣﺪﯗ؟

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﻪﻙ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺑﺎﺭ، ﺑﯘ «ﮪﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﯨﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﭼﺎﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺸﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮪﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﺎﻻﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﻤﻰ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺳﺎ، «ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ» ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ «ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺵ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ: «ﺳﻮﻝ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻮﯓ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ» ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﺸﻰ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ، ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ، ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻣﯜﯕﮕﯜﺯ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯚﺯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﭘﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر