ئاستا يۈگۈرۈپ بېرىشنىڭ جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىغا پايدىسى بار

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاستا يۈگۈرۈش بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت، ئۇ يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، بەدەندىكى بارلىق مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرىدۇ ھەمدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ياشانغاندا مۇسكۇللارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچى قېتىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە جىگەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان بىمارلارنىڭمۇ نىسبەتەن ياخشى بولغان قوشۇمچە داۋالىنىش چارىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ.
ئاستا يۈگۈرۈشتىن ئىلگىرى پۇت- قوللارنى سوزۇلدۇرۇپ، بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەرنى بوشاشتۇرۇپ، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى يوقىتىپ، قان ئايلىنىش ۋە نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ھەرىكەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرىلىدۇ. ئالدى بىلەن مېڭىشتىن باشلاپ، ئاندىن مىنۇتىغا 120~ 130 مېتىرغىچە بولغان تېزلىكتە قىزىرىپ كەتمەي، ھاسىراپ كەتمەيدىغان دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاستا يۈگۈرۈش مۇساپىسىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى، نەچچە ئون مېتىر، نەچچە يۈز مېتىردىن باشلاپ، ماسلاشقاندىن كېيىن 1000~2000 مېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، مادارىغا قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك، تولىمۇ ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. ئاستا يۈگۈرۈشنىڭ نومال بولغان- بولمىغانلىقىنى يۈرەك سوقۇش ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ، ئاستا يۈگۈرگەن ۋاقىتتا يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نەپەسلىنىش تەبىئىي، چوڭقۇر، ماس بولۇشى كېرەك، دەم ئالالمايدىغان دەرىجىدە بولماسلىقى كېرەك. يۈگۈرۈش ۋاقتىنى سەھەردە، كۈندۈزى ياكى كەچنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئاستا يۈگۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن دەرھال توختىۋالماسلىق كېرەك، ئاستا- ئاستا مېڭىش ياكى جايىدا تۇرۇپ 3~5 مىنۇتقىچە پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ھەمدە بىر قىسىم رەتكە سېلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، پۈتۈن بەدەننى بوش قويۇپ بېرىپ، تەدرىجىي تىنچلىتىش ياكى نورمال ھالەتكە قايتىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر