ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى: سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەكرار زۇكام بولۈش، چاڭ - توزانلىق، ئىس - تۈتەكلىك مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش، يۇقۇملىنىش، خىلىتلار تەڭپۈڭلۇقى بۇزۇلۇش قاتارلىقلار سەۋەبلەردىن كاناي ۋە كانايچىلار ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، قىزىتمىسى ℃ 38 ~ ℃39 دىن ئېشىپ كېتىش، ئاق كۆپۈكلۈك ياكى سېرىق يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرۈش، دەم سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
1)  يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىق تولۇقلاش، تەركىبىدە زور مىقداردىكى ۋىتامىن بولغان، بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۈرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل، سېرىق پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى، چىلان، نەشپۈت، كالا سۈتى، پاقلان گۆشى، ھايۋانات جىگىرى، بۆرىكى، تۇخۇم سېرىقى، بېلىقلار، كاللا - پاچاق، غولپىياز، چامغۇر، سەۋزە، كەرەپشە، يۇمغاقسۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە ئۈنى خام ئەشيا قىلغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.
2)  يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1)  شوۋىگۈرۈچ : بادام مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى 30 گرامدىن، گۈرۈچ 50 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، يۇمغاقسۈت 20 گرام. ئالدى بىلەن يۇمغاقسۈت بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، يۇمشاق چاناپ، ئاندىن يۇيۇپ تازىلانغان گۈرۈچ بىلەن ئېزىلگەن قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە 1000 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، گۈرۈچ پىشقۇچە قاينىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇزىنى تەڭشەپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ، يۆگىنىپ تەرلىنىدۇ.
(2)  كۆكتات شورپىسى: سېرىق پۇرچاق 50 گرام، چامغۇر 15 گرام، يېسىۋىلەك 10 گرام، ئاق تۇرۇپ 20 گرام. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ تەييارلاپ، سۈيىنى ھەر تاماقتىن كېيىن 30 ~ 50 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىنىدۇ.

(3) توخۇ گۆشى شورپىسى : توخۇ گۆشى 60 گرام، كۆك پۇرچاق 30 گرام، غولپىياز 15 گرام، يېسىۋېلەك 30 گرام، چامغۇر 30 گرامدىن ئايرىم - ئايرىم پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغراپ تەييارلىۋېلىپ، قازانغا مۇۋاپىق سۇنى قويۇپ، تەييارلىۋالغان خام ئەشيالارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم كەچلىك تاماقتىن كېيىن قىزىق ھالەتتە ئىچىپ تەرلىنىدۇ.
(4)  ئارپا ئېشى : بادام مېغىزى 20 گرام، يېشىل ماش 36 گرام، چۈچۈكبۈيا يىلتىزى 10 گرام، ئارپا 30 گرام، چامغۇر كۆكى 10 گرام، تۇز ئاز مىقدارى. چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ئاقلاپ، پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، چالا سوقۇپ، تەمى ئېلىنىدۇ. بۇ سۇغا يېشىل ماش، بادام مېغىزىنى سېلىپ، ئوتىنى پەسەيتىپ، بىرئاز قايناتقاندىن كېيىن ئۈستىگە ئارپا ئۇنىنى ئاز - ئازدىن سېلىپ قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا چامغۇر كۆكى ۋە تۇز سېلىپ ئۈماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر ۋاخ، قىزىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىپ، ياخشى ئورىنىپ تەرلىنىدۇ.

3)  يېمەك – ئىچمەك پەرھىزى:
تەستە ھەزىم بولىدىغان، غەلىز غىزالار ۋە غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك ياكى ئۆتكۈر ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن: ئات گۆشى، تۆگە گۆشى، لازا، تۇخۇم پوشكىلى، زىيادە مايلىق قورۇمىلار، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش، لىمون قاتارلىقلار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر