قانداق قىلغاندا ئۆزىدىكى يۈرەك كېسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بىرىنچى، دۆڭگە ياكى پەلەمپەيگە چىققاندا ھاسىراش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ بىر مىنۇتتا 100 دىن ئاشقان-ئاشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، تومۇر سوقۇشىنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، دۆڭگە چىقىۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىچى سىقىلىپ بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
بەشىنچى، پۇتتا دائىم ئىششىق كۆرۈلىدىغان-كۆرۈلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى، كالپۇك ۋە تىرناقلارنىڭ كۆكۈش بىنەپشە رەڭلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققە قىلىنىدۇ.
ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئىككىسى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقى كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرىكىڭىزنى تەكشۈرتۈشىڭىز لازىم. ئەگەر بىرسى كۆرۈلسە دىققەت قىلىشىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا دوختۇرخانغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر