دوۋساق ئاجىزلىقىغا پايدىلىق رېتسىپ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/12/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كېسەللىك نامى        دوۋساق ئاجىزلىقى
خەنزۇچە نامى           膀胱衰弱
تەبىرى       
ھەرخىل سەۋەبلەردىن دوۋساقنىڭ سۈيدۈكنى بەلگىلىك ۋاقىت ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، كلىنىكىدا سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى سىيىپ يېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
دوۋساق ئاجىزلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «زەئفى مەسانە، بەۋلى قىلغىراش، سىلسىليەۋىل« دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى        
1. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات دوۋساققا زىيادە تەسىر قىلغاندا دوۋساق مۇسكۇلللىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، پەي تارىمۇشلارنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دوۋساقنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى سىيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن ۋە زىيادە ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتى دوۋساققا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى مۇسكۇل ۋە پەي تارىمۇشلارنى بوشاشتۇرۇپ، دوۋساقنىڭ سۈيدۈك تۇتۇش ياكى سۈيدۈكنى بەلگىلىك ۋاقىت ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۇغما ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
سۈيدۈك يولى، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى ۋە دوۋساقتىكى تۇغما غەيرىيلىك، ئاياللاردىكى جىنسىي يول بىلەن سۈيدۈك يولى تۇغما تۇتاش تۇغۇلۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن دوۋساقنىڭ سۈيدۈكىنى ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېلىپ چىقىدۇ.
4. يەل ئومۇرتقا ئۆسمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بەل ئومۇرتقىلىرى ئۆسۈپ دوۋساقنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى نېرۋىلىرىنىڭ بېسىلىشى سەۋەبىدىن دوۋساقنىڭ سۈيدۈكنى بەلگىلىك ۋاقىت ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېلىپ چىقىدۇ.
5. سىرقتى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ھەرخىل ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يېقىلىش ياكى تۇغۇت جەريانىدا زەخىملىنىش سەۋەبىدىن دوۋساق خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى نېرۋىلار زەخىملىنىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي دوۋساق ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
6. روھىي ئامىل تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاتا − ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ سىيىشكە ئادەتلەندۈرمەسلىكى سەۋەبىدىن كۆنۈپ قېلىش ياكى قاتتىق قورقۇش سەۋەبىدىن دوۋساق خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى        
1. سىيىپ يېتىشتا كېچىسى ئۇخلىغاندا ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئورنىغا سىيىپ ياتىدۇ.
2. سۈيدۈك تۇتالماسلىقتا مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن سۈيدۈكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، سۈيدۈك مېڭىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل سەۋەبكە ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
تەشخىسى(دىئاگنوزى)       
تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
سىيىپ يېتىش ياكى سۈيدۈك تۇتالماسلىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
ئىلاجى(داۋالاش پىرىنسىپى)        
1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.
3. ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي − مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، مېڭە، نېرۋا ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى       
خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
خولىنجاننى سوقۇپ، كەچتەئۇخلاش ئالدىدا قايناق سۇ بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
زىرە، كۈندۈر، نامازشام گۈلى ئۇرۇقى 60گرامدىن، ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۇن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
جۆيۈزنى سوقۇپ، زىماد تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
10گرام تاۋۇز پوستىنىقۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، زىماد تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
زىغىر، كەرەپشە ئۇرۇقى، سۇمبۇلدىن 10گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ، دوۋۇسن ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
14گرام جۈپتى بەتللۇتنى سوقۇپ تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
زەمچە، گۈڭگۈرتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، دورا سۈيىدە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ.
تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن دارچىن، زەنجىۋىل، خولىنجان، قەلەمپۇر، جۆز قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 9 ~ 7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.
ئارتۇق ھۆللۈكنى قورۇتۇپ، پەي مۇسۇللارنى چېڭىتىش، مېڭە، نېرۋا ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ماددەتۇل ھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛مەجۇنى سوم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ ئىتتىرىفخل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش كۈندۈر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش جالىينۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش مەستىكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار       
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك − ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك − ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ.
3. سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىشتىن، كۆپ ئۇخلاشتىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ سۇ ئىچىشتىن، ھاراق ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشتىن ھەمدە قورقۇش، غەم − ئەندىشە قىلىش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
4. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ئەگەر كىچىك بالىلار بولسا، ئاتا − ئانىلار چوقۇم سىرتقا چىقىپ سېيىشكە ئادەتلەندۈرۈش، بالىلارنى قورقۇتماي چىرايلىق تەربىيە ىلىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر