يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/12/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 

 

 لوندونلۇق بىركىشىنىڭ بېشىدىن مۇنداق بىر كەچۈرمىش ئۆتۈپتۇ .ئۇ پاكىستاندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان چاغدا ،تۇيۇقسىز كۆكسى قاتتىق ئاغرىپتۇ ،دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئۈچ دانە يۈرەك قان تومۇرى ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ .شۇڭا چوقۇم كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسى قىلىشى كېرەككەن .بۇ ئوپىراتسىيە بىر ئايدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن .بۇ بىر ئاي جەريانىدا قەدىمىي ئۇسۇلدا كېسەل داۋالايدىغان مۇسۇلمان ھەكىمنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ،ئۇ كىشى ئۇنىڭغا بىر رېتسىپ بېرىپ ئۆزى بۇ رېتسىپ بىلەن ئۆيىدە دورا ياساپ يەپ سىناپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ .ئۇ دەپ بەرگەن بويىچە ياساپ بىرئاي ئىستېمال قىلىپتۇ .بىر ئايدىن كېيىن كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسى ۋاقتى توشۇپتۇ.ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرسە ھېلىقى توسۇلۇپ قالغان ئۈچ دانە يۈرەك قان تومۇرى پاك پاكىزە بولۇپ چىقىپتۇ .ئەسلىدە توسۇلۇپ قالغان جاي پاكىزلىنىپ ،ئېچىلىپ قالغان ئىكەن .بۇ رېتسىپنىڭ ئىگىسى تەقۋادار مۇسۇلمان بولغاچقا ،ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ بۇ تەجرىبىسىنى توردا ھەمبەھىرلەپ قويۇپتۇ.ئەنگىلىيىلىكنىڭ قان تومۇر توسۇلغاندىكى رەسىمى ۋە پاكىزلانغاندىكى رەسىمىنىمۇ تورغا چىقىرىپ قويۇپتۇ .رەسىمگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلەيسىز .


6

لازىملىق ماتېرياللار: بىر ئىستاكان لىمون مېۋىسى شەربىتى، بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى،بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى، بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى

 

قىلىش ئۇسۇلى: سامساقنى پاكىز تازلاپ، زەنجىۋىلنى  ئۇششاق توغراپ، مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ، داكا رەختتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز .

 

 

 

سامساق ،زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قويۇپ، لىمون كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز .ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينىتىمىز،تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ ،يېرىم سائەتچە قاينىتىپ ،تەخمىنەن يېرىم مىقدارىنى قالدۇرىمىز .

 

 


ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز .بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ .تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ ،مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز .

 


 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستېمال قىلىمىز ،بۇ ئۇسۇل بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كېسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدىكەن.
يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن .يەنە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كېسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر