كۆزئەينەك تاقاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/12/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. كۆز تەكشۈرۈتمەي تۇرۇپلا خالىغانچە بازارغا بېرىپ كۆزئەينەك سېتىۋالماڭ. ئادەتتىكى ( كۈن توساركۆزئەينەك ۋە تۈرلۈك ئاسرىغۇچى كۆزئەينەك ) كۆزئەينەكلەردىن باشقا يېقىننى كۆرەلمەسلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتاربولغانلارنىڭ كۆزئەينەك تاقىشىدا گىرادۇس ئۆلچىمى قاتتىق بولىدۇ. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ گىرادۇسىنى تەكشۈرۈتۈپ ئاندىن بېكتىش كېرەك.
2. باشقىلارنىڭ كۆزئەينىكىنى خالىغانچە تاقىۋالماڭ. ھەربىر ئادەمنىڭ نۇر سۈندۈرۈش گىرادۇسى ئوخشاش بولمايدۇ. گەرچە گىرادۇسى يېقىن بولسىمۇ ئالماشتۇرۇپ تاقىماسلىق كېرەك.
3. ئۇدۇل كەلگەنلىكى قوغداش كۆزئەينىكىنى تاقىۋالماڭ. قوغداش كۆزئەينەكلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئىشلىتىشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن: چاڭ توزاندىن ساقلايدىغان كۆزئەينەكنى تەۋرىنىش دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆزئەينەك قاتارىدا تاقىماسلىق كېرەك.
4. گىرادۇسى يۇقىرى يېقىننى كۆرىدىغان كۆزئەينەك تاقىماڭ.
5. كۆزئەينەكنى قالايمىغان سۈرتۈپ، قالايمىغان قويماڭ.
6. كۆزى چېقىلىپ كەتكەنك كۆزئەينەكنى تاقىماڭ.
7. رەڭ ئۆزگەرتكۈچى كۆزئەينەكنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا تاقىۋالماڭ.
8. سۇلياۋ كۆزلۈك كۆزئەينەك تاقىماڭ.
9. يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاپ ۋېلسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلماڭ.
10. جازىسى بەك چوڭكۆزئەينەك تاقىماڭ.
11. كۆزئەينەكنى بىر قول بىلەن تاقاپ، ئالماڭ.
12. بىر كۆزئەينەكنى بەك ئۇزۇن تاقىماڭ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر