مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىشتىكى ئاددىي ئۇسۇللار

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بەزى كۈنلىرى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ قورساق قىسمى قاتتىق ئېچىشىپ، بىر خىل ئاچچىق كىسلاتا قورساق قىسمىدىن مەيدە قىسمىغا ئۆرلەپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
يېقىندا ئامېرىكىدىكى «ساغلاملىق گېزىتى» مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بىر نەچچە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
بانان يېيىش: بانان بولسا بىر خىل تەبىئىي، كىسلاتاغا قارشى رېئاگىنىت بولۇپ، ئاشقازان ئىچكى دېۋارىغا شىلىمشىق يېپىشقاق پەردە ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما %1 كە يېقىن مەيدىسى ئېچىشقان كىشىلەر بانان يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بانان يەپ بولغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنە ياخشى كۆزىتىش كېرەك.

تاماققا ئازراق زەنجىۋىل سېلىۋېتىش: تاماققا زەنجىۋىلدىن ئاز مىقداردا سېلىۋەتكەندە مەيدە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


سېغىز چايناش: تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، تاماقتىن كېيىن شېكەرسىز سېغىز كەمپۈتنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا چايناپ بەرگەندە، شۆلگەينىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدىكەن.

ئاز مىقداردا سودا سۈيى ئىچىش: ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىستېتى تېببىي ئىنىستىتوتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: سودا سۈيى ئىشقارلىق بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن نېيتراللىشىپ كېتىپ، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ. لېكىن دائىم مەيدە ئېچىشقاندا، سودا سۈيى ئىچسە ئاشقازاننىڭ كۆپۈشىنى، تېخىمۇ بىئارام بولۇپ قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، دائىم غولپىياز، سامساق يەپ تۇرغاندا قاندىكى ماي ماددىسىنى ، قەنت ماددىسىنى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىكەن. دائىم سامساق ۋە غولپىياز يەپ بەرگەندە، جۇغلانما ‹‹مەزى بېزى›› كىچىك تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە ئۇنى داۋالايدىكەن .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر