سىزدىكى كېسەل يۈزىڭىزدىن مەلۇم، بۇ رەسىمگە قاراپلا بىلەلەيسىز

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

يۈز بىزنىڭ ھۆسنى-جامالىمىزنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم رايون بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىزنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىمىز بېشارەت بېرىدىغان مۇھىم راداردۇر.
1. يۈز، بۇرۇن ياكى ئېغىز ئەتراپىدا سېرىق داغلار پەيدا بولسا، خولېسترولنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلغاندىن باشقا قاندىكى خولېسترول مىقدارىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
2. يۈز تېرىسى ئاق، تاتىراڭغۇ بولسا، تۆمۈر كەملىكتىن بولىدىغان كەمقانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا، قارا ئۇرۇق گۆشنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، نۇقۇت ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق سەي-كۆكتاتلارنى تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەپ بېرىش لازىم.


3. لەۋ بۇلۇڭى يېرىلىش، ئېغىزغا جاراھەت چىقىش ئەھۋاللىرى ۋىتامىن ب كەملىكتىن كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، بېلىق، يېشىل يوپۇرماقلىق سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
4. ئېڭەككە مۇنەكچىلەر چىقسا، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دىياگنوزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، ئادىتى بىنورمال بولۇش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كېلىشمۇ مۇشۇ كېسەلدىن بىر سىگنال ھېسابلىنىدۇ.
5. يۈزدىكى قىلقان تومۇرلار كېڭيىۋالسا، ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، ھاراقنى تاشلىشى، كۈن نۇرىغا قاقلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بولمىسا تومۇر يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
6. قاپاق ساڭگىلىغان ياكى قورۇق بولسا، تاماكىنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ چېكىۋەتكەنلىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، جەزمەن تاماكا تاشلىشى، ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.
7. بويۇننىڭ كەينى تەرىپى قارىداپ قالسا، دىيابېت كېسەللىكىدىن ھوشيار بولۇش لازىم. بويۇندىكى سەۋەبسىز پەيدا بولغان قارا ھالقا ياكى بويۇن قارىداپ قېلىش بەدەندىكى ئىنسۇلىن مىقدارىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، سېمىزلىك ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ دىيابېتنىڭ ئالدىنقى شەپىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈنۈش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر