راك كېسەللىكىنىڭ 8 بېشارىتى سىزدە يوقتۇ؟

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن بالدۇر بايقاش زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، راك كېسىلىنى دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالاتقاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. شۇڭا راك كېسىلىنىڭ بىشارەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش كېرەك .
ئادەتتە راك كېسىلىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالامەتلىرى بولىدۇ :

1. بەدەننىڭ سىرتقى تۈز قىسمىدا مۇنەكچە پەيدا بولۇش ۋە يوغىناش ، لىنغا تۈگۈنلىرى ئىشىش.
2. ھەزىم قىلىش ئۇزۇن ۋاقىت نورمالسىزلىشىپ ، قورساق قىسمى دائىم ئاغرىش ياكى مۇنەك پەيدا بولۇش
3. داۋاملىق يۆتىلىپ، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش ، بۇ ئۆپكە راكى بىمارلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
4. ھەيز توختىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قانۇنىيەتسىز قان كېلىش ، بۇ بالىياتقۇ بوينى راكنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى بولۇپ ، بۇ خىل ئالامەت كۆرۈلگەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئۆسمە كېسەل دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك .
5. دائىم دېمىقى پۈتۈپ قېلىش ، بۇرۇن سۇيۇقلۇقى قان ئارىلاش كېلىش ، بۇرۇن قاناش ، بويۇن قىسمىدا مۇنەكچە پەيدا بولۇش ، بۇ بۇرۇن - بوشلۇقى راكى ، قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاكچىسى راكىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى .
6. سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش .
7. سۆگەل ۋە قارا مەڭلەر تېزلىكتە چوڭىيىش ، ئۈستىدىكى  تۈكچىلەر چۈشۈپ كېتىش ۋە قىچىشىش ، ياكى سۇ چىقىش .
8. سەۋەبسىز ئورۇقلاش ..

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر