بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسەللىكى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تونۇش: ئۆزگەرگەن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ بۆرەك توقۇلمىلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈشى، بۆرەك توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈشى ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ سۈيدۈك يولىغا تەسىر قىلىپ سۈيدۈك يولىنى تارايتىپ، سۈيدۈكنىڭ راۋان چىقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا بەدەن ئېغىرلىشىش، تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە قاتتىق ئاغرىش، سوغۇق تەرلەش، بەل ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
پەرۋىش: بىمارغا روھىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىپ، كېسەلدىن ساقىيىپ كېتىشكە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش، ئېغىر ھەرىكەتلەردىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، بىمارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، ئۆرە تۇرۇپ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلماسلىق، غەم ئەندىشە چارچاش، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش، كۆڭۈلنى ئازادە خۇشال تۇتۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان، غىدىقلىغۇچى لازا- ئاچچىقسۇ، لەڭپۇڭ، ھاراق- تاماكا، كالا گۆشى، بۇستا پىشۇرۇلغان تاماق ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر