بارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كېسەل داۋالاش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

چوڭ مېڭە بىلەن قولنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ،ئادەم ئۇتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر دائىم بارماقلار ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىلسە،چوڭ مېڭىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا ياردىمى بولىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن مېڭىنى ساغلاملاشتۇرغىلى ھەم ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.بارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:


1.ھەر كۈنى سەھەردە چىمچىلاق بارماقنى ئىچىگە ئېگىپ،يەنە ئارقىغا تۈزلەيمىز.مۇشۇنداق ئېگىش-تۈزلەش ھەرىكىتىنى تەكرار 10 قېتىم ئېلىپ بارىمىز.
2.باش بارماق ھەم بېگىز بارماق بىلەن چىمچىلاق بارماقنىڭ ئوتتۇرىسىنى چىڭ تۇتۇپ،ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇشۇ پەللىنى 10 قېتىم ئۇۋۇلاپ غىدىقلايمىز،ئوڭ-سول قولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز.
3.چىمچىلاق بارماقنى ئۈستەل يۈزىگە قويۇپ بېسىپ تۇرۇپ،قول ياكى بىر نەرسە بىلەن تەكرار غىدىقلايمىز،ئوڭ-سول قولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز.
4.ئىككى قولنىڭ ئون بارمىقىنى ئۆز-ئارا گىرەلەشتۈرۈپ،كۈچەپ سىقىمىز،ئاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۈچەپ ئاچىمىز،شۇ ئارقىلىق مۇسكۇللارنى غىدىقلايمىز.
5.ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىنى غىدىقلايمىز،بۇنىڭدا،ھەر قېتىمدا 20 قېتىم چىمدايمىز.بۇ ئارقىلىق قان ئايلىنىشقا ياردەم بەرگىلى ھەم نېرۋىلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا تېنچلاندۇرغىلى بولىدۇ.
6.ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇچىنى دائىم  ئۇۋۇلايمىز،يەنە ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت ئۇۋۇلىساق بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر