يۈرەك قېرىشنىڭ ئىپادىلىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1.پەلەمپەي بىلەن 3 قەۋەتكە چىققاندا يۈرىكى سېلىپ دېمى سىقىلىش نىسبەتەن جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا، مەسىلەن، پەلەمپەي بىلەن 3 قەۋەتكە چىققاندا يۈرەك سېلىپ، نەپەس جىددىيلىشىپ، كۆكرەك سىقىلىپ ئاغرىيدۇ، 10 نەچچە مىنۇت ئارام ئالسا، ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.
2.ھورۇنلىشىپ چىدامچانلىقى تۆۋەنلەش ئىلگىرىكىدىن ھورۇنلىشىپ، ئازراق ئىش قىلسا، ئاسانلا چارچاش ھېس قىلىدۇ، تەنھەرىكەت چىدامچانلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى 30 مىنۇت تىك - تاك توپ ئوينىيالايدىغان بولسا، ئەمدى پەقەت 15 مىنۇتلا ئوينىيالايدۇ.
3.تۈز ياتسا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش تۈز ياتسا ياكى ئىلگىرىكىدەك، ياستۇق قويۇپ ئۇخلىسا، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ.
4.ئۇخلىغاندا چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش كېچىسى تۇيۇقسىز نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. بەزىدە يەنە يۆتەل ئەگىشىپ كېلىدۇ.
5.دېمى سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش تويۇنۇپ غىزالانغان، سوغۇققا يولۇققان، تامكا چەككەن چاغدا دېمى سىقىلىپ كۆكرىكى ئاغرىيدۇ. ئادەمنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان تېلېۋېزىيە پىروگىراممىلىرىنى كۆرگەندە يۈرەك سېلىپ دېمى سىقىلىدۇ، 10 نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
6.قان بېسىمى، قان يېغى بىنورمال بولۇش قاننىڭ تارىيىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن، كېڭىيىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن، قان زەردابى خولېستېرىنى 6.22 مول / لېتىردىن، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىل خولېستېرىنى 4.14 مول/ لېتىردىن يۇقىرى، تىرى گىلىتسىرىن 262. مول / لېتىردىن يۇقىرى، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنى 041. مول / لېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ.
7.قان تومۇرلاردا كالتسىي چۆكۈۋېلىش قان تومۇر دىۋارىدا ئارتۇقچە خولېستېرىن باشقا ياغلار بىلەن بىرىكىپ بىر خىل «يۇمشاق دۇغ پارچىلىرى» نى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يۇمشاق دۇغ پارچىلىرى يېرىلغاندا ئۈستىدە كىچىك يېرىق پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەندىكى كالتسىي يېرىق ئېغىزىدا تىنىپ - تىنىپ بىر خىل ئىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ بىر جەھەتتىن دۇغ پارچىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قان تومۇرلارنىڭ يېشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىز قانچە چوڭ، قانچە قېلىن بولسام قان تۇمۇرنىڭ يېشى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە بۇ ئىز ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
8.ناچار تۇرمۇش ئادىتى تاماكا چېكىش، چېنىقىش يېتەرسىز بولۇش، تاماق تاللاش، تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتى بولغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك يېشى ئۆزىنىڭ يېشىدىن بىر قانچە ياش چوڭ بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر