چاچ چۈشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە دىققەت قىلىش: چاچ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ئۈچۈن چاچنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان ئاقسىل ، ھەرخىل مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش: ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىش ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل ھورمۇنلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەددىدىن زىيادە چارچاش بەدەندىكى ئېنېرگىيىنى زىيادە خورىتىۋېتىدۇ . ئەگەر بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا ، بارا – بارا چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش كېرەك .
چاچنى سۇلياۋ تارغاق بىلەن تارىماسلىق: سۇلياۋ تاغاق ئاسانلا ستاتىك ئېلېكتر ھاسىل قىلغاچقا ، چاچقا ۋە باش تېرىسىگە زىيانلىق .


باش كىيىمىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇش:
ئۇزاق مەزگىل شامال ئۆتۈشمەيدىغان باش كىيمى كىيگەندە چاچ بۇرۇقتۇم بولۇپ قېلىپ ، ئۆسۈش نۇقتىلىرىدىكى تېرە ، مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكىلىقى يوقاپ ، چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ .
چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك: چاچ يۇيغاندا باشنى ئۇۋىلاپ بەرسە ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، چاچقا كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەمىنلىنىشىنى ياخشىلايدۇ .
چاچ قۇرۇتقۇچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش: بۇ ئەسۋاب چىقارغان شامال ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا ، ئاقسىلدىن تەركىب تاپقان چاچ توقۇلمىلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ .
مايسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك : مايسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، چاچنى ئاسانلا قۇرغاقلاشتۇرۇپ ، باش تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر