قانداق ۋاقىتتا چىش تارتقۇزماسلىق كېرەك؟

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

دىئابىت كېسەللىكى بارلار
قاندىكى شېكەر ماددىسى 7 دىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشكەندە تارتقۇزىشى كېرەك. بولمىسا يەرلىك ئورۇندىن قان توختىماسلىق، دىيابىت كېسەللىكى ئېغىرلاپ كىتىش ئالامەتلىرى يۈز بىرىدۇ.
قان بېسىمى ئالاھىدە يۇقىرىلار
قان بېسىمى يۇقىرى ھالەتتە چىش تارتقۇزۇش؛ قان بېسىمىنى ھەددىن زىيا ئۆرلىتىپ مىڭىگە قان چۈشۈش ۋە ھاياتىغا خەۋىپ يىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قان ئازلىق ياكى ئاققان راكى بارلار
قان ئازلىق كېسىلى ياكى ئاققان راكى بارلار چىش تارتقۇزسا داۋاملىق ھۇشىدىن كىتىش، باش قېيش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بارلار
نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بار كىشلەر چىش تارتقۇزسا ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەپ كىتىش، ئېغىر بولغانلىرىدا چىش تارتىش جەريانىدا خەۋپكە ئۇچراش.


يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر
يۈرەك تىقىملىسى، يۈرەك سانجىقى بار كىشلەر چىش تارتىش جەريانىدا قورقۇپ كىتىش سەۋەبىدىن كېسەللىك ئەھۋالى قوزغىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە...
ھامىلارلىقنىڭ ئالدى كەينىدە يەنى 1.2.3 ئايلىرى ۋە 6. ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا چىش تارتقۇزماسلىق كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ھامىلە تۇنجۇقۇپ قېلىش ،ئۆلۈك تۇغۇلۇش، ياكى چۈشۈپ كىتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
ھەيز ۋاقتىدا...
ئاياللار ھەيز توختاپ بەش كۈن ياكى 7 كۈندىن كېيىن چىش تارتقۇزىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ھەيىز توختىماسلىق ، ھەيىز قالايمىقان كىلىش ۋە ئاياللار كىسەللىكى ئېغىرلاپ كىتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاچ قورساق ھالەت
ئاچ قورساق ھالەتتە چىش تارتقۇزسا، چىش تارتقۇزۇش جەريانىدا بەدەندىكى قەنىت مىقدارى ئېشىپ كىتىپ، بىمار ھوشىدىن كېتىش، نەپەس قىستىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىقتىن چارچاپ كەتكەندە...
خىزمەت سەۋەبلىك ياكى چىش ئاغرىقى سەۋەبلىك ئۇيقۇسىز قالغانلىقتىن كۆپ چارچاش ۋە قان بېسىمى يۇقۇرلاپ كىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چىش تارتقۇزۇش بەدەندە ئىمۇنىت كۈچى ئاجىزلاپ كىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
رىئاكسىيە تارىخى بارلار
دورا-ئوكۇل، كۈچلۈك پۇراق ۋە ئەرزان باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملار ئاسان رىئاكسىيە قىلىدىغان كىشلەر. دوختۇرغا كىسەللىك ئەھۋالىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ، ناركوز ئۇكۇلىنى ئامال بار سىناق قىلدۇرۇپ ئۇردۇرىشى كىرەك. بۇنداق بولمىغدا ناركوز دورىسىنىڭ رىئاكسىيە بىرىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ بەزى قۇتقۇزۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەرى تۇلۇق بولمىغاندا ھاياتىغا خەۋىپ يىتىپ قېلىش مۇمكىن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر