قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتە ياردەم بېرىدىغان« 5 كۆپ 3 ئاز»

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاپېلسىن شىرنىسىنى كۆپ ئىچىش: ئاپېلسىن تەركىبىدە ۋىتامىن c ئىنتايىن مول بولۇپ ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە . ئۇنىڭدىن باشقا ، كۆكتات ، قارىمۇچ ، لىمون دەرىخى ياكى چۈچۈمەل تەملىك مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندىمۇ ۋىتامىن c نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .


كالا سۈتىنى كۆپ ئىچىش: كالا سۈتى تەركىبىدە كالىتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ، ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئارتېرىيە ۋە قان تومۇرلار دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، كۈنىگە بىر گىرام كالىتسىي تولۇقلاشنى سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ .

سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش: سامساق بەدەندىكى فېرمېنتنىڭ ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، شۇڭا كۈندە 2–3 چىش سامساق ئىستېمال قىلىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدۇر .

قوغۇننى كۆپ ئىستېمال قىلىش: قوغۇن تەركىبىدە مېنېرال كالىي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .

قېتىقنى كۆپ ئىچىش: قېتىق تەركىبىدە مېنېرال كالىي مىقدارى يۇقىرى ، ناشتىدا كۆپ ئىچىپ بەرسە ، قان بېسىمنى كونترول قىلىدۇ . كۆپ ئاپتاپسىنىش ، سىرتتا 10 مىنۇت ئاپتاپسىنسا ، قان بېسىمى ئالتە مىللىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ . ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا قاقلانسا ئورگانىزىمدا ۋىتامىن D3 ھاسىل بولىدۇ . ۋىتامىن D3 بىلەن كالىتسىي بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئارتېرىيەدىكى قان بېسىمنى كونترول قىلىدۇ .

قەھۋەنى ئاز ئىچىش: كۈندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچكەن بولساق ، ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنغان كوفېئىن قان تومۇرلارنى قورۇش ئارقىلىق قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش: ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر ئېچىتىلىش ۋە ساقلىنىش جەريانىدا ، باكتېرىيىلەرنىڭ تەسىرىدە تەركىبىدىكى تىروزىنازا كاربونسىزلىنىش بىلەن تىرامىننى شەكىللەندۈرىدۇ . تىرامىن تومۇرلارنى قورۇپ ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ .
ھېرىپ – چارچاش ئاز بولۇش: يۈرەك كېسىلى دائىم تاڭ سەھەردە قوزغىلىدۇ . بۇنىڭدىكى سەۋەب ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن بۇرۇن ، ئادەمنىڭ قان بېسىمى باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ، ئاز دېگەندە بەش سىماب تۈۋرۈكى يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلاپ ، مېڭىنىڭ زىيادە چارچىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر