يۈرەك كېسىلىنىڭ قۇلاققا يوشۇرۇنغان بېشارىتى | بەك مۇھىم

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قۇلاقمۇ ئوخشاشلا بىر ئۇچۇر كۆزنىكى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئومۇمىي بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلار يوشۇرۇنغان.


قۇلاق ئورگانىزمنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا جايلاشقان ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن قان يېتىشمەسلىككە ئاجايىپ سەزگۈر كېلىدۇ. ئارتېرىيە قېتىشقاندا، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، قورۇق شەكىللىنىدۇ.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قۇلاق يۇمشىقىدا بىر قورۇق بار ئىكەن؛ قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق بارلارنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەسىنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە، %90 نىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولغان.
ھەر ئىككى رەسىمدە ئوڭدىكى قۇلاق يۇمىشىقى بىنورمال

ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئەگەر ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلارنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدا روشەن قورۇق بولسا، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىدىن ھەزەر ئەيلىشى، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇناسىپ يۈرەك ساغلاملىقى تەكشۈرۈشلىرىنى ئىشلىتىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر