قۇلىقىڭىزنى خالىغانچە كولىماڭ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بەزىلەر دائىم سەرەڭگە، چىش كولىغۇچ، ئىنچىكە سىم ياكى چىمچىلاق قول تىرنىقىنى قۇلىقىغا تىقىپ قالايمىقان كولايدۇ. بۇنداق قىلغاندا قۇلاق ناغرىچى پەردىسىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس.
قۇرلاقنىڭ تۆشۈكى ( قۇلاق يولى ) نىڭ چوڭقۇرلىقى 8.7 سانتېمېتىرلا بولۇپ، قۇلاق تولىنىڭ تۆرىدە ئاڭلاش پەردىسى بولىدۇ. قۇلاقنى كولىغاندا سەللە ئىچكىرىلەپ كەتسە قۇلاق پەردىسى زەخمىلىنىپ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئادەم پاڭ بولۇپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا تىرناق ياكى قۇلاقنى كولىغان نەرسىلەر قۇلاق سىرتقى يوللىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
قۇلاقنىڭ ئىچىدىكى كىر ئادەم گەپ قىلغاندا، يېمەكلىك يېگەندە ياكى سەكرەپ باشنى چايقىغاندا ئۆزلۈكىدىن ئاجراپ چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر قۇلىقىڭىزدىكى كىر كۆپ بولۇپ، ئاڭلىشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزسە ياكى قىچىشىپ كەتسە دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىڭ. ئۆزىڭىز خالىغانچە كولىماڭ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر