قايناقسۇنى بۇنداق ئىچسىڭىز سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق!

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: جۇڭگو ‏ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


سۇ ئىچىش تۇرمۇشىمىزدىكى دائىملىق ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا بەزى نەرسىلەرنى قوشقاندا ئۈنۈمى باشقىچە بولىدۇ، قايناقسۇغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىچكەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ قالماستىن يەنە سالامەتلىكنى ئاسرايدۇ. بۇ ماقالىنى ساقلىۋېلىپ، ئۆزىڭىز ۋە ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىڭ!
ھەسەل

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ھەسەل تەركىبىدە مول ۋىتامىن بار، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكەندە بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياشلىقنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى.
ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسى بار، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكەندە قان بېسىمىنى تەڭشەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ، سىزنى تاڭ ئاتقۇچە تاتلىق ئۇيقۇغا ئىگە قىلىدۇ.
ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ
ھەسەل تەركىبىدىكى فىرۇكتوزا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئەڭ تېز سۈمۈرۈلىدۇ، تۈنىگەندىن كېيىن ھارغىنلىقنى تۈگىتىش بولسۇن ياكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ يۈرەك مۇسكۇلىنى قوغداش بولسۇن، ھەسەل ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھەسەل سۈيىنى تەڭشەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار. قىش پەسىلىدە تېمپېراتۇرىسى 40 سىلىتسىي گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىگەن قايناقسۇدا ھەسەلنى سۇيۇلدۇرغاندا ئاندىن ۋىتامىننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەسەل سۈيى ئىچمەكچى بولغاندا، چوقۇم ئۇخلاشتىن 30~60 مىنۇت بۇرۇن ئىچىش كېرەك.
ئاش تۇزى

سۇ تولۇقلايدۇ
بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن بەدىنىمىز زور مىقداردىكى سۇنى سەرپ قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بەدىنىمىز فىزىيولوگىيەلىك سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق تۇز سېلىنغان بىر ئىستاكان  سۇ ئىچىپ سۇ تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
ئۆچەي، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
ئەتىگەندە ئاچ قورساق ۋاقىتتا تۇز سۈيى ئىچكەندە ئۈچەي، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەزىم قىلىشى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغان دوستلار پۇل خەجلىمەيدىغان بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۈچىيىنى تازىلىسا بولىدۇ.
تۇزنىڭ قويۇقلۇقىنى زىيادە يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، 100 مىللىگىرام سۇدىكى تۇزنىڭ مىقدارى 0.9 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
چىلان

چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ ھۆسن تۈزەيدۇ
كونىلاردا «كۈندە ئۈچ تال چىلان يەپ بەرگەندە چىرايى قېرىمايدۇ» دېگەن گەپ بار، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، سۇ قاتارلىقلارغا ئازراق چىلان سېلىپ قويغاندا، قان، ھاۋا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ
چىلاننىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا قەنت تۈرىدىكى ماددىلار ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەننى ياخشى ساقلايدۇ.
جىگەرنى ئاسرايدۇ
چىلان جىگەرنى ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى بىرى، چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ماي، ئاقسىل قاتارلىقلار جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ قالماستىن يەنە جىگەرنى ئاسرايدۇ.
چىلاننى قايناقسۇغا چىلاش نۇرغۇنلىغان ئاياللار دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل، ئەمما چىلاننىڭ پوستى قېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددىلار پۈتۈنلەي تېشىغا چىقالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىۋاسىتە چىلاپ ئىچىش ئۇسۇلى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.
ئاۋۋال چىلاننى ئوشتۇپ، ئاندىن ئەمدى قاينىغان قايناقسۇغا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندا، چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.
قارا شېكەر

قان تولۇقلاپ قاننى جانلاندۇرىدۇ
قارا شېكەر سۈيى ئىچىش بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاپ، قان تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بەدەن ئاجىزلىق، قان كەملىكتىن كېلىپ چىققان چىرايى سارغىيىش، ئادەت قالايمىقانلىشىشنى داۋالايدۇ.
نەملىكنى ھەيدەيدۇ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نەملىك، سوغۇقنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، ئۇلارنىڭ دائىم پۇت-قوللىرى مۇزلاپ، زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالىدۇ، قارا شېكەر سۈيىنى ئىچكەندە ئۈنۈملۈك ھالدا نەملىك، سوغۇقنى ھەيدىگىلى بولىدۇ.
قارا شېكەرنى ۋاراقلاپ قاينىغان قايناقسۇ بىلەن تەڭشەش كېرەك، قارا شېكەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېرىگەندىن كېيىن ئۈنۈمى تېخى ياخشى بولىدۇ.
قارا شېكەرنى قورساق ئاچ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بىر سائەت كېيىن ئىچىش كېرەك.
زەنجىۋىل

زۇكامنى داۋالايدۇ
زەنجىۋىل ئاچچىق تەملىك بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمنى تەرلىتىپ، ئۆپكىنى ئىللىتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، سوغۇقتىن كېلىپ چىققان زۇكامنى ناھايىتى ياخشى داۋالايدۇ.
تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماقنى ھەزىم قىلدۇرىدۇ
زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. زەنجىۋىل قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى داۋالايدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالايدۇ
زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئېغىز چايقىغاندا ئېغىز بوشلۇقى يارا بولۇشنى داۋالاپ، دىماق پۈتۈن قېلىشنى پەسەيتىدۇ، زەنجىۋىلنىڭ پۇرىقى بېسىمنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.
زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋەتمەي، پارچە-پارچە كېسىپ قىزىق سۇغا چىلاپ ئىچسە بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زەنجىۋىل ئىستېمال قىلغاندا پوستىنى ئېلىۋېتىدۇ، كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زەنجىۋىل پوستىدا كۆپلىگەن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، شۇنىڭ ئۈچۈن پوستى بىلەن ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
جۈخارگۈلى

ئىسسىقنى بېسىپ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ
جۈخارگۈلى چېيى ئىسسىقنى بېسىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى دورا بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان بوغۇز ياللۇغلىنىش، باش ئاغرىش، ئېغىزى يارا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى جۈخارگۈلى چېيى ئىچىپ يوقاتقىلى بولىدۇ.
كۆز چارچاش ئەھۋالىنى پەسەيتىدۇ
ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېرغا قاراپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن جۈخارگۈلى چېيىنى كۆپ ئىچىپ بېرىش رادىياتسىيەدىن ساقلاپلا قالماستىن يەنە كۆز چارچاش ئەھۋالىنى پەسەيتىدۇ.
قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ
جۈخارگۈلى تەركىبىدە زور مىقداردا فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى جۇخارگۈلىنى ئېلىپ قاينىغان سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ ئاندىن ئازراق ناۋات سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ئىچسە بولىدۇ.
ئەگەر دەملىگەن جۈخارگۈلى چېيىنىڭ رەڭگى يېشىلغا مايىل بولسا جۇخار گۈلىنىڭ ئوكسىدلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جۈخارگۈلى چېيى ئىچكەندە ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويماسلىق كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر