پىشمىغان باناننى يېسىڭىز قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بانان ئائىلىلەردە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋە، باناننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسىمۇ كۆپ، لېكىن پىشمىغان بانان بەدەندە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. پىشمىغان باناننىڭ سىرتقى پوستى يېشىل بولىدۇ، پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن خېلى ۋاقىت چاينىسىمۇ، ئاسانلىقچە يۇتقىلى بولمايدۇ. پىشقان باناندا قاڭسىق پۇراق بولمايدۇ، يۇمشاق ھەم تاتلىق بولىدۇ. بانان ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولغاچقا، ساقلاشقا ۋە توشۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بانان خاملا ئۈزۈۋېلىنىپ ئامبارلاردا ساقلىنىدۇ. پىشمىغان باناننىڭ تەمى قىرتاق بولۇپ، تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ. تاننىك كىسلاتاسىنىڭ يىغىش رولى كۈچلۈك، ئۇ چوڭ تەرەتنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ تىپىك مىسالى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ بەزىلىرى بانان يېگەندىن كېيىن، ئىچى كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قەۋزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر