ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىڭىزنى يۇيۇپ ئادەتلىنىڭ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا بەلكىم پۇتىڭىزنىڭ تالغانلىقىنى، بارماقلىرىڭىزنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانسىز؟ ئەمەلىيەتتىمۇ پۇت نەچچە ئون سائەتلەپ ھەرىكەت جەريانىدا بەك كۆپ ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاش ئالدىدا پۇتنى يۇيۇش، مۇمكىن بولسا ئىلىمان سۇغا چىلاپ ئۇۋۇلاش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. نېمە ئۈچۈن پۇتنى ئىلىمان سۇدا ئۇۋۇلاپ يۇيۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز؟ پۇتنى چىلاپ، بارماق، بارماق ئارىسى، تاپان، پۇت ئالقانلىرىنى يۇمشاق ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان تومۇرلار راۋانلىشىدۇ، ھەر قايسى پەللىلەرنى ئۇۋلاپ بېرىشنى ئىزچىل ئادەت قىلغاندا ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، يۇتقۇنچاق ئۆسمىسى، ئاۋاز پۈتۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ ۋە دەرھال شېرىن ئۇيقۇغا كىرىپ راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ئۇۋلاش بەش مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. پۇتنى يۇيۇپ يېتىش ھەم پاكىزلىق، ھەم ئەخلاق - مەدەنىيەت جۈملىسىدىندۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر