قورساقنى سىلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قورساقنى سىلاش ئىنتايىن ئاددىي ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمما ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى كۆپ. ئەگەردە كارىۋاتتا ياتقان چاغدا، تاماقتىن كېيىن ياكى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان بىكار چاغلاردا قورساقنى يېنىك سىلاپ بەرسە، قورساق بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. چۈنكى قورساقنى سىلاشمۇ بىر خىل غىدىقلاش بولۇپ، بۇ خىل غىدىقلىنىش نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە تارقىلىپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش ۋە مۇسكۇل ئىچى مۇھىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساقنى سىلاپ بەرسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. قىزىل قان تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قورسىقىنى سىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. بۇ خىل ئاددىي ھەرىكەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان پايدىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر