ھەمىشە ھېرىپ-چارچاش ۋە يەتتە خىل كېسەللىك

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەگەر پۈتۈن بەدىنىڭىز ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلسىڭىز، ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. ناۋادا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھېرىپ- چارچاش تۇيغۇسىدا بولسىڭىز، بۇ بەلكىم مەلۇم بىر خىل كېسەللىك بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.


1.قان كەملىك: قان كەملىك كېسىلىگە گىرپتار بولغۇچىلارنىڭ قان تەركىبىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئازلاپ كېتىپ، ئۆپكە ۋە باشقا توقۇلمىلارنىڭ قان تەركىبىدىكى ئوكسېگىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ، مۇقەرەر ھالدا ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.دىئابىت كېسىلى: ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىىلىگە گىرپتار بولغۇچىلارنىڭ ھۈجەيرىسى گىلوكوزىنى نورمال بىر تەرەپ قىلالماي، قاندىكى شېكەرنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، بەدەننىڭ ھەرىكەت قىلش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دىئابىت كېسىلىگە گىرپتار بولغۇچىلاردا ئەڭ دەسلەپتە ھېرىپ-چارچاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
3.قالقانسىمان بەز كېسلى: بىر قىسىم قالقانسىمان بەزلەر ھورمونلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ، ئادەتتىكى پائالىيەتتە ئادەم چارچىتىپ قويىدۇ. مېتىل يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى ئاغىرىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، يۈرەكنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى تېزلىتۋاتىدۇ. مېتىلنىڭ ئازلاپ كېتىشىمۇ ھېرىپ- چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، مۇسكۇل گۆشلەر قاتتىق ئاغىرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەيدا قىلدۇ.
4.ئەسەبىيلىشىش كېسىلى: بۇخىل كېسەل ھەمىشە بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئۇخلاش ۋە غىزالىنىش ئادىتى ئۆزگۈرۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.شامالدارىش كېسىلى: كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىش خارەكتىردىكى شامالدارىش كېسىلگە دىئاگىنۇز قويماق تەس بولۇپ. ساغلام بوغۇم توقۇلمىلىرى ۋە يۇمشاق سۆڭەك سۆڭەكلەرگە زىيان يەتكۈزدۇ. ھېرىپ- چارچاش، ئىشتىھاسى ياخشىبولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
6. ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش: بۇ خىل كېسەل ئۇخلاش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتدۇ، بىمارلار ھەمىشە چارچىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ئۇخلىغاندا بىر كېچىدە ئاز بولغاندا ئون نەچچە قېتىم، كۆپ بولغاندا يۈز نەچچە قېتىم نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇخىل كېسەلگە گىرپتار بولغۇچىلار ئويغانغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھېرىپ-چارچاپ كەتكەندەك ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ.
7. ئاستا خاراكتىرلىك ھېرىپ-چارچاشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى: قاتتىق ھېرىپ كېتىش ئىچى سىقىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ، بۇخىلكېسەلگە گىرپتار بولغۇچىلار ئازىراق ھەرىكەت قىلپ بولغۇچە قاتتىق ھېرىپ-چارچاپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ئۇنڭدىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، مۇسكۇل گۆشلەر ۋە بۇغۇم ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى سەزگۈرلىشىپ كېتىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىقلارغا سەۋەپ بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر