بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنى خورىتىدىغان ئادەتلەر

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كومپيۇتېر: كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەر بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ كۆزى نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ كۆز تور پەردىسىنىڭ تاشقى يۈزىدىكى سېزىمچان ماددا ۋىتامىن Aنىڭ تېز خورىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
تەدبىر: قوي جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، ئىرىمچىك، سۈت، بېلىق، سەۋزە، كاۋا ۋە بىيىدە ۋىتامىن A مول. بۇنىڭدىن باشقا، پالەك، يېسسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلاردا كاروتىن B مول، ئۇ بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، كۆزنى قوغدايدۇ.
تۇز كالتسىينى خورىتىدۇ: مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بەدەنگە تۇز قانچە كۆپ سۈمۈرۈلسە، كىچىك تەرەت شۇنچە كۆپ كالتسىينى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ شۇنچە ئاستا بولىدۇ.
تەدبىر: كۈندىلىك تاماقتا تۇزنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلەش زۆرۈر. تۇزلۇق تاماققا ئامراق كىشىلەر تۇزنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش بىلەن بىللە، كۆكتات، سۈت ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم.


قېنىق دەملەنگەن چاي تۆمۈرنى خورىتىدۇ: ئارىمىزدا قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ، بىراق چايدىكى تاننىك كىسلاتا يېمەكلىكتىكى تۆمۈر بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئاسان ئېرىمەيدىغان ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ.
تەدبىر: ئىمكانقەدەر قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەي، تەركىبىدە تۆمۈر مول يېمەكلىكلەردىن گۆش، جىگەر ۋە تۇخۇمنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
يېمەكلىك تالاسى كالتسىينى خورىتىدۇ: قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك تالاسى يېمەكلىكنىڭ ئۈچەيدىن ئۆتۈشىنى تېزلىتىپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ. يېمەكلىك تالاسى تەركىبى يۇقىر يېمەكلىكنى كۆپ يېسە، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
تەدبىر: ۋىتامىن D كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاپتاپسىنىش ۋىتامىن Dنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى. يەنە بېلىق يېغى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق ماي، جىگەر ۋە سۈتتىمۇ ۋىتامىن D مول.
بۇنىڭدىن باشقا، بەدەندە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىمۇ كالتسىينىڭ خورىشىغا سەۋەب بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئادەم تېنىدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى 1: 2 بولىدۇ. فوسفور تەركىبى مول يېمەكلىكنى كۆپ يەپ، قوبۇل قىلىنغان فوسفورنىڭ مىقدارىنى كالتسىيدىن ئاشۇرۇۋەتكەندە، ئارتۇق فوسفور بەدەندىكى كالتسىينى سىرتقا ھەيدەيدۇ، شۇڭا فوسفور تەركىبى يۇقىرى كاربونلۇق ئىچىملىك، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگىلەرنى ئاز يېگەن ياخشى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر