دورا ئىشلەتمەي زۇكامنى داۋالاش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئىسسىق ھاۋانى سۈمۈرۈش. ئادەتتىكى زۇكامدا چۈشكۈرۈش، پوتلا ئېقىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى بىللە يۈز بېرىدۇ. بۇنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇرۇننى پاكىزلىغاندىن كېيىن ئىسسىق ھاۋا سۈمۈرۈش. قايناقسۇغا چىلانغان لۆڭگىنى بۇرۇنغا بېسىپ، قىزىق ھاۋادىن نەپەسلەنسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر بىر قانچە تامچە سۇ يېغى تېمىتىۋەتسە، كېسەل ئەھۋالى تېز يېنىكلەيدۇ. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا ياكى ھورداقتا تۇرسىمۇ بولىدۇ.


ئىسسىق ئىچىملىك ئىچىش. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئىسسىق مېۋە شەربىتىنىڭ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكامغا بولغان ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. تەمى سەل قىرتاق بولغان ئىسسىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. شۇڭا، كۆپىنچە دوختۇرلار ھەسەل، زەنجىۋىلنى قايناقسۇدا دەملەپ ئىچىش ۋە لىمون شەربىتى ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
كۆپرەك ئارام ئېلىش. زۇكام بولۇپ قالسا، 1 - 2 كۈن ئارام ئېلىش زۇكامنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. چۈنكى، پەقەت ئۇخلىغاندىلا بەدەن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ. يەنە، ياللۇغنى قوزغايدىغان ۋىرۇسلار بولغاچقا، كىچىككىنە ھەرىكەت قىلىشمۇ بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زىيانلىق، ياشانغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئېنېرگىيە تولۇقلاش بەزى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، مەسىلەن، ۋىتامىن A(تۇخۇم، سۈت)، ۋىتامىن E (قۇرۇق مېۋە-چىۋە، دانلىق زىرائەتلەر) ۋە سېلېن (قۇرۇق مېۋە-چىۋە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى). يەنە، سامساقنى كۆپرەك يېيىش لازىم. چۈنكى، سامساقنىڭ مىكروبلارغا قارشى تۇرۇش رولى بار.
ئېغىزنى چايقاش. ئېغىزنى چايقىسا، گال ئاغرىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ. ئۇسۇلى: قىزىق سۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىپ، كۈندە 4 قېتىم ئېغىزنى چايقىسا بولىدۇ. ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىش ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ياتسا، بۇرۇندىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاسان چىقىپ كېتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر