ئۆتىڭىزدە تاش بارمۇ؟ ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىۋېلىڭ

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئۆتتە تاش پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى


1 .ياغلىق تاماقلارنى يېگۈسى كەلمىسە، كۆڭلى ئېلىشسا؛
2 .قورساقنىڭ ئوڭ تەرىپى دائىم كۆپۈپ بىئارام بولسا، بولۇپمۇ ياغلىق تاماق يېگەندە بۇ ئالامەت كۆرۈلسە؛
3 .چېنىقىشنى ياقتۇرمىسا، سەمرىپ كەتكەن بولسا؛
4 .ئەتىگەنلىك تاماق يېگۈسى كەلمەي، تاماقتىن كېيىن ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كەلسە؛
5. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىچىدە، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولسا؛
6 .ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، چوڭ تەرەت راۋان بولمىسا؛
7. قورساقنىڭ ئوڭ ئۈستۈنكى قىسمى قاتتىق ئاغرىسا ياكى ئاغرىق دۈمبىنىڭ ئوڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا قاراپ تارقالسا؛
8. قىزىپ، چىلىق - چىلىق تەرلىسە، چىرايى سارغىيىپ كەتسە؛
9 .بەدەنگە سېرىقلىق چۈشۈپ، پۈتۈن بەدەننىڭ تېرىسى ۋە ئاقسىللىق پەردە ( كۆز ئېقى) سارغىيىپ كەتسە.
يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئىچىدە 1 - دىن 3 - گىچە ئالامەت كۆرۈلسە، بۇ ئۆت خالتىسى ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە چوقۇم سۇيۇق - سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ 4 - دىن 6 -گىچە ئالامەت كۆرۈلگەنلەر ئۆتىگە تاش چۈشكەنلەر تىپىغا كىرىدۇ، بۇنداقلار قورساقنى چوقۇم B تىپلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر، 7 - دىن 9 - غىچە ئالامەتلەرنىڭ خالىغان بىرى كۆرۈلسە، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆتكە تاش چۈشۈش، دەپ گۇمانلىنىشقا بولىدۇ، بۇنداقلار دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك.
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ 10 خىل سەۋەبى
1. دائىم يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى خولېستېرىنلىق، يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش.
2. ئۆت يولىدا پارازىت قۇرت، مەسىلەن ، مەددە، جىگەر شورىغۇچى قۇرتى قاتارلىقلار بولسا.
3. ئانىلىق ھورمۇنى ئېشىپ كەتكەنلەر.
4. سېمىزلەر ۋە ئاز ھەرىكەت قىلىدىغانلار.
5. ئۆتى ۋە ئۆت يولى ياللۇغلانغانلار.
6. بىر قىسىم كېسەللەر، مەسىلەن، زىيابىتۇس، بۆرەك ياللۇغى، قالقان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، قان ئېرىش كېسىلى قاتارلىقلار.
7. ئۇزۇن مەزگىل قان يېغىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلەر، مەسىلەن، ئاترومىد - 5 (安妥明)، نىكوتىن كىسلاتاسى (酸烟).
8. ئۇزۇن مەزگىللىك روھى جىددىيلىك ياكى غەم - قايغۇ.
9. ئىرسىيەت.
10. ئوپېراتسىيە، مەسىلەن، ئاداشقان نېرۋىنى ئۈزىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى، ئۆتنىڭ چىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇزىۋېتىش، ئىنچىكە ئۈچەينى كېسىش ئوپېراتسىيىسى، ئۆت تۇزىنىڭ جىگەر،
ئۈچەيدە ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر