چاي ئارقىلىق كېسەل داۋالاش

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. چاي بىلەن گۈرۈچ: ئالتە گرام چاينى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ ئالتە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن شامىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇلغان 100 گرام گۈرۈچنى سېلىپ شويلا ئېتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم ئىچسە، ئاشقازان كۆيۈش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
2. چاي بىلەن ئاچچىقسۇ: ئۈچ گرام چاينى قايناق سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت دۈملەپ شامىسىنى  ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر مىللىلىتىر كونا ئاچچىقسۇنى قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، تولغاقنى توختىتىدۇ. يىرىڭنى تارقىتىدۇ. چىش ئاغرىقى، بالىلاردىكى تاسما قۇرت تەسىرىدىن قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. چاي بىلەن تۇز: ئۈچ گرام چاي بىلەن بىر گرام تۇزنى ئىستاكانغا سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ يەتتە مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن ئىچسە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ياللۇغنى ياندۇرغىلى بولىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسىقنى ئالىدۇ. زۇكامدىن يۆتىلىش، كۆز قىزىرىش، چىش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر