«كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دەۋەرمەڭ!

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 يىگىتنىڭ قىز دوستىغا يازغان تەسىرلىك خېتى، بۇ ھىكايە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ئېبرەت بولسۇن

مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 2 يىل بولدى، نېمىشقا ئايرىلىپ كېتىمىز؟ مەن ئاشۇ گۈزەل چاغلىرىمىزغا قىيمايمەن، ئىككىمىزنىڭ چىن مۇھەببىتىنى قەدىرلەيمەن. ئەمما مەن نېمىشقا سىزنىڭ The End (ئاخىرلاشتى) دېگەن خېتىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئارام تاپقاندەك بولدۇم؟
سىز مەن بىلەن بىللە بولسىڭىز ھامان شېرىن تۇيغۇ ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان ئىدىڭىز. مەن بۇنى چۈشەندىم دەپ ئويلاپ، خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئۇتۇشقا تىرىشتىم. مەن ئوغۇل بالا دېگەن مۇھەببەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك، تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدىگەن ئادەم ئالىيجاناپ ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايتتىم. مەن ئەمدى چۈشەندىم،  سىز مېنىڭ ئالدىمدا ھامان تۇماندەك بىلىنىسىز، بىر-بىرىمىزگە ۋەدە بېرىشكەن، قۇچاقلىشىپ سۆيۈشكەن چاغلاردىمۇ سىرلىق تۇماندەك بىلىنىسىز، مەن سىزنىڭ تومۇر سوقۇشىڭىزنى بىلەلمىدىم، سىزنىڭ ئاشۇ سەزگۈر ئەمما ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىيدىغان يۈرىكىڭىزنى تاپالمىدىم.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى پەقەتلا ئېيتمىدىڭىز، كۆيۈنگەننى كۆڭۈل تۇيسىلا بولىدۇ، دېدىڭىز. قايسى ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشتىن تارتىپ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشقىچە ھەممىسىنى بىلىشىڭىز، بىلمىسىڭىزمۇ تاپالىشىڭىز كېرەك، دېدىڭىز. مەن قورۇنۇپ قالدىم. ئاندا-مۇندا سىرتتا تاماق يېسەك، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز تارتقان-تارتمىغىنىنى تاماقنىڭ ياقمىغىنىنى ياكى مېنى بەتخەج چاغلاپ قالغىنىڭىزنىمۇ بىلمىدىم. ئانچىكىم بىر ئېغىز سۆزگە ئويلىنىپ قېلىپ ئۈندىمىسىڭىز كۆڭلىڭىزگە بىر نەرسىنى كەلتۈرگەنلىكىڭىز ياكى ھېچنېمىنى كەلتۈرمىگەنلىكىڭىزنىمۇ بىلەلمىدىم. كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويغان چاغلىرىمىزدا سىز ھامان ئادەمنىڭ خىيالىدا يوق تەرەپتىن پەيدا بولاتتىڭىز، كېچىكىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ياكى ئاۋۋال كېلىپ قاراپ تۇرغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيتتىم. ئۆيىڭىزگە ئولتۇرۇپ كەلگىلى بارسام، مېنى ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ياردەملىشىشكە تاپشۇرۇپ بېرەتتىڭىز-دە، ئىشلەپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن چېغىمدا مېنى ئۇزۇتۇپ قوياتتىڭىز. ئاشۇ بىر نەچچە قېتىمدا سۆيۈشۈشتىن كېچىچە ساراسىمىدە قالاتتىم. ئەگەر ئەقلىم بىلەن ئويلانمىغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ئىكەنمەن، سىزدە قايسى تەرەپتە ئىنكاس بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەنغۇ دەپ گۇمانلانغان بولاتتىم.
مەن كۆپ كىتاب كۆرگەن ئىدىم، پسىخولوگىيىدە بىر ئادەمنىڭ بىراۋنى تولۇق چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس دېيىلىدۇ، 10 ئەر ئىچىدە 9 ى بىپەرۋا كېلىدۇ. مەن قانداق قىلىپ «دەردكە دەۋا، رەنجىگە شىپا بولۇش»نى بىلىمەن. ئۇچۇرنىڭ جاۋابى قايتقاندىلا ئۇنىڭ رولىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. مەن سىز بىلەن بىر ئۆمۈر ئەر-خوتۇن بولۇپ بىللە ئۆتۈشۈم مۇمكىن دەپ ئويلاپ، سىزدىن «سىر»ىڭىزنى «ئېچىش»نى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆتۈنسەممۇ، چاقچاق ئارىلاش سورىساممۇ، ئازدۇرۇپ باقساممۇ، سىز خۇددى مونالىزادەك سىرلىق كۈلۈمسىرەپلا قويدىڭىز، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسىنى دۇنيا بويىچە ھەممە ئادەم ئويلاپمۇ جاۋابىنى تاپالمىغان تۇرسا.
جىمجىتلا ئايرىلساق، ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ قېلىشى مۇمكىن. بىر دوستۇم ماڭا نەسىھەت قىلىپ: ئامېرىكىلىق پسىخولوگ مۇھەببەتلەشكەندە ھېچ بولمىغاندىمۇ لايىقى ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتقىلى بولىدۇ، دېگەن ئىدى، لېكىن سىلەر ئىككىڭلار بۇنداق قىلالمىدىڭلار، دېدى. يەنە بىر دوستۇم: سەن ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپسەن، ئاياللار ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا تەشنا بولىدۇ، دېدى. ئۇ ئۆزىنى سىرلىق تۇتقان ئىكەن، سەنمۇ سىرلىق قىياپەتكە كىرىۋېلىشىڭ، ئۈندىمەس بولۇۋېلىپ زور جەلبكارلىق پەيدا قىلىشىڭ كېرەك، دېگەن دوستلىرىممۇ بولدى. مەن ھەممىسىگە ئىشەندىم ھەم ئىشەنمىدىم.
مەن مۇھەببەت ئۈچۈن ھېچقانداق ماھىرلىق ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىمنى، ئىشلىتىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىمەن.
ئەگەر سىز بۇ خېتىمنى كۆرەلىسىڭىز،  «كېچىكىپ قالغان بولساممۇ» بىر سوئال سوراي: سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز - يوق؟
 
بۇ يىگىتنىڭ يەكۈنى ئاساسەن توغرا بولغان. «ماختىنىش روھىي ھالىتى» دىكى نۇرغۇن قىزلارنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگىمۇ ئېنىق بولمىغاچقا، مۇھەببەتكە ئۆزى ئاۋۋال كىرىشىشكە يېتەرلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ سانسىزلىغان «تەشەببۇسكارلىق ھۇجۇم»لىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، «كۆڭلۈمدىكى تاپ، دەۋەرمەڭ!» دەپ ھۆركىرەيدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر