يېسىۋىلەك شىپالىق رولى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئۇيغۇر تېبابىتى | ۋاقتى: 2011/11/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تېبابىتى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

كۆكتاتلار-كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك، تەركىبىدە مول ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە ئوزۇقلۇق تالالىرى بولۇپ، ئاقسىل ۋە ماي مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ھازىرقى زامان يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ۋىتامىنC، B ۋە كاروتېننىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن C نىڭ %90 تىن كۆپرەكى كۆكتاتلاردىن كېلىدۇ ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي، مىس قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. كۆكتانلاردىكى سېللۇلوزا بولسا، ئوزۇقلۇق تالالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ئۇلارنىڭ رەڭگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە رەڭگى قانچىكى يېشىل بولسا، ئۇنىڭ ئۈنىۋېرسال ئۇزۇزقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا قىزغۇچ بىنەپشە، قىزغۇچ سېرىق بويىچە تۆۋەتلەپ بارىدۇ. ئاق سەيلەرنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، كۆكتات ئىستېمال قىلىشتا ئىلمىيلىككە ۋە تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بېرىش، يەنى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن باشقا قىزىل، سېرىق ۋە ئاق رەڭدىكى كۆكتاتلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كۆكتاتلاردىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئۆزئارا تولۇقلىنىپ، بەدەننى ساغلام ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

يېسىۋىلەك

تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئاشقازان، ئۈچەينى تازىلايدۇ، كۆڭۈل ئاينىشىغا شىپا بولىدۇ، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. قەنت سىيىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدۇ.
خىمىيىلىك تەركىبى: ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى، ئاقسىل، ماي، قەنتلەر، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، كالىي، ناترىي، مىس، ماگنىي، سىنك، سېلېن، ۋىتامىن، ۋىتامىنB1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ۋىتامىن K، كاروتېن، فولىك كىسلاتا، پانتوتېنىك كىسلاتا،نىكوتېنىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر