ئەرلەر پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2015/02/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

  ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدە مېتىئونىن مول بولۇپ، مېتىئونىن ئىنزىمنىڭ تەسىرىدە سىستىن كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ.ئۇ ئارتېرىيە تومۇر دىۋارى ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 


   يود كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى گلېدىفىيە گىلۇكوزىسى يودنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت پۇرچاق ئويۇتمىسى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە يودنىڭ كەملىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ياشانغاندا بۆرەكنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا پۇرچاق ئويۇتمىسىنى كۆپ يېگەندە، بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بەدەندىكى ئازوتلۇق كېرەكسىز ماددىلارنى كۆپەيتىپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئىسپىرمىغا زىيانلىق. ئەنگىلىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىسپىرمىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر