ئەرلەر سەل قاراشقا بولمايدىغان 7 خىل ئاغرىق

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

يېقىندا ئامېرىكا ئەرلەر ساغلاملىقى ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك 7 خىل ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەككەن.

1. يىرىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى چوڭ يوتىنىڭ ئىچكى يان تەرىپى ئاغرىش بىلەن بىرگە ئىششىپ قالىدۇ. بۇ ئۇرۇقدان تولغىنىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمەسلىكنى، ئېغىر بولغاندا ئۇرۇقدان نىكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەرلەردە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ 4 - 6 سائەت ئىچىدە چوقۇم دوختۇرغا بېرىشى كېرەك، ئەگەر 12 - 24 سائەتكىچە دوختۇرغا كۆرۈنمىسە، ئۇرۇقدان ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ كېسەل كۆپىنچە ئەرلەر ئىچ كىيىمنى مۇۋاپىق كەيمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

2. دۈمبىسى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش. ئەرلەر ئازراق ئېگىلسىمۇ دۈمبىسى ئاغرىسا ھەم ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئارام ئېلىش، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، بۇ ھەرىكەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زەخىملىنىش ئەمەس، بەلكى سوققاق تومۇر ئۆسمىسى ياكى بۆرەككە تاش چۈشكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۆرەككە تاش چۈشكەن بولسا، تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئەڭ ياخشىسى CT دا كېسەل سەۋەبىنى تەكشۈرتۈپ، دىئاگنوز قويغۇزۇش كېرەك.

3. توختىماستىن پۇتى ئاغرىش ياكى پۇتىنىڭ پەنجى ئاغرىش. ئاساسلىقى پۇت دۈمبىسى ۋە پاقالچاق توختىماي ئاغرىيدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلەتسىمۇ كار قىلمايدۇ. بۇ زىيادە چېنىقىشتىن كېلىپ چىققان سۆڭەك سۇنۇش بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى رېنتېگىندا رەسىمگە ئالدۇرۇپ، سۇنغان جاينىڭ ئورنىنى بېكىتىش كېرەك. كېسەل ساقايغىچە چېنىقماسلىق كېرەك.

4. قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش. بۇنىڭدا قورساق قىسمى پىچاق بىلەن تىلغاندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ قورساق قىسمىدىكى ئەزالاردا ياللۇغلىنىش ئەھۋالى بارلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەسىلەن، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى قاتارلىقلار. قورساقنىڭ ئاستىنقى سول تەرىپى ئاغرىسا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، قورساقنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى ئاغرىسا ھەم ئاق قان دانچىلىرى ئۆرلەپ كەتسە، ئۆت ياللۇغى؛ كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئاستى قىسمى ئاغرىسا، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى.

5. كۆكرىكى تۇيۇقسىز ئاغرىش. بۇ خىل ئاغرىقنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇپ، بىردەم قاتتىق ئاغرىپلا توختاپ قالىدۇ. بۇ ھەزىم ناچارلاشقانلىقى ياكى يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ، يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

6. پۇتى ئىششىپ ئاغرىش. ئاساسلىقى پاقالچاققا بىر نەرسە تەگكەن ھامان ئىچىدىن تېشىغا قاراپ كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ. بۇ سوقماس تومۇردىكى قاننىڭ قېتىۋېلىشىدىن قان نۆكچىسى شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، ئۆپكە كەپلەشمىسى كۆرۈلۈپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ، سايىلەندۈرۈپ رەسىمگە ئېلىش ئۇسۇلىدا تەكشۈرتۈپ، قان نۆكچىسىنىڭ ئورنى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىپ، ئاندىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

7. كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش. ئاساسلىقى كىچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكى دات رەڭدە كېلىدۇ. بۇ دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەل ئاساسلىقى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاتسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر