ئەرلەرنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزالىرى

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

زەكەر
زەكەر ئەرلەردىكى ئەڭ مۇھىم جىنسىي ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە سۈيدۈك يولى جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەم سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغا تەۋە. زەكەر ئۈچ تال تاياقچە شەكىللىك بۇلۇتسىمان توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن.
زەكەرنىڭ ئۈستى تەرىپى( دۈمبە تەرىپى) گە جايلاشقان ئىككى تال بۇلۇتسىمان تەنچە زەكەرنىڭ تىكلىنىشىدىكى ئاساسىي قىسىم بولۇپ، زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بىر دانە تەنچە ئوتتۇرىسىدىن سۈيدۈك يولى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەنچىسىنىڭ ئۇچى قىسمى يوغىناپ، زەكەر بېشىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە سىلىق مۇسكۇلدىن تۈزۈلگەن بۇلۇتسىمان قۇرۇلما. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان قان تومۇر ۋە ئېرىقچىلار بولىدۇ. بۇلۇتسىمان تەنچە ئىچىگە قان تولغاندا زەكەر تىكلىنىدۇ. زەكەرنىڭ تېرىسى نېپىز ھەم يۇمشاق بولۇپ ناھايىتى زور ئېلاستىكلىققا ئىگە. زەكەر بېشىنى ئورىغان تېرە قىسمى خەتنىلىك دېيىلىدۇ.  خەتنىلىكنىڭ ئېغىز قىسمى سۈيدۈك يولى ئېغىزىنى يېپىپ تۇرسا، بۇ ئۇزۇن خەتنىلىك دېيىلىدۇ.خەتنىلىك ئېغىزى زەكەر بېشىدىن كىچىك بولۇپ،ئۆرۈگەندە زەكەر بېشىنى  قىسىۋالسا ،بۇ خەتنىلىكنىڭ قىسىلىشى دېيىلىدۇ. خەتنىلىك ئۇزۇن بولسا ياكى قىسىۋالسا، خەتنىلىك بىلەن زەكەر بېشى ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتا يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇشى ياكى خەتنىلىك ئاغزى خەتنە بېشىنى قىستاپ جىددىي ئەھۋال پەيدا قىلىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەتنىلىكنى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار بالىلار كىچىك ۋاقتىدا خەتلىكنى ئېلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ئەمەلىيەتتە ئىلمىي قائىدىگە ئۇيغۇن.
زەكەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشىمىغان ئىرق، مىللەت ۋە شەخسلەردە پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئادەم بويىنىڭ ئېگىز-پاكارلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئىچكىرى ئۆلكىدە 1000 نەپەر ساغلام كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا زەكەر يۇمشاق ھالەتتىكى  ئۇزۇنلۇقى 3.7 سانتىمېتىردىن 10.6 سانتىمېتىرغىچە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 6.55 سانتىمېتىر بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتى تېخى يوق.
     ئەر كىشىنىڭ بىر قېتىملىق نورمال جىنسىي پائالىيىتى ھاياجانلىنىش، زەكەرنىڭ تىكلىنىشى، جىنسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، جىنسى ھاياجىنىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئىسپېرما چىقىرىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زەكەرنىڭ تىكلىنىشى پاراسىمپاتىك نېرۋا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. نېرۋا رولى تەسىردىن زەكەرنىڭ ئارتېرىيىلىرى كېڭىيىپ، ۋېنا دىۋارلىرى قىسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەكەر ئىچىدىكى قاننىڭ بېسىمى بارغانسېرى ئېشىپ، زەكەر تىكلىنىدۇ.
ئەر كىشى ئىسپېرما چىقارغاندىن كېيىن جىنسىي ھاياجىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، ھارغىنلىق كەيپىياتىغا چۆكىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رېفلېكسلىق ھالدا زەكەر ئىچىدىكى ئارتېرىيە دىۋارلىرى بوشىشىپ، زەكەر ئىچىدىكى قاننىڭ بېسىم تۆۋەنلەيدۇ. بىر قىسىم ئارتېرىيە ۋە ۋېنالىرى كېڭىيىپ، زەكەر ئۈستىگە قاننىڭ قايتىشى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەكەر ئاستا-ئاستا كىچىكلەپ ئەسلىدىكى يۇمشاق ھالىتىگە كېلىدۇ.

ئۇرۇقدان خالتىسى
ئۇرۇقدان خالتىسى تېرە ۋە تېرە ئاستىدىكى بىر قەۋەت مۇسكۇل پەردىدىن تۈزۈلگەن خالتا بولۇپ، ئوڭ ۋە سول ئىككى بوشلۇققا بۆلۈنگەن بولىدۇ. ھەربىر بوشلۇق ئىچىدە بىردىن ئۇرۇقدان، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان بېغىشىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى جايلاشقان بولىدۇ. ئۇرۇقدان خالتىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە ۋە ئادەم جىنسىي زوقلىنىشىدىن كېيىن، قېلىنلاپ كىچىكلەيدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، نېپىزلەپ چوڭىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خالتا دىۋارىغا تەر بەزلىرى ئىنتايىن كۆپ جايلاشقان بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇقىم ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.چۈنكى ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتى نىسپىي مۇنتىزىم تېمپېراتۇرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر