ئەرەنلىكنى ئاشۇرغۇچى 8 خىل ھەرىكەت

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەردىن مۇئەييەن بەدەن ساپاسى ۋە قۇۋۋەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەرەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىمەن دەيدىكەن، مۇنۇ 4 نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

 (1) مۇستەھكەم ئاساس: مۆرە، بېلەك، بەل، پاچاقلار كۈچلۈك بولۇشى، ئۆز بەدىنىنى خېلى ئۇزاق ۋاقىت كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

 (2) ياخشى بولغان ئېلاستىكىلىق-ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولۇشى لازىم.

(3) كۈچ: بەزىلەرنىڭ دائىم ئىشتىن كېيىن بېلى ياكى گەجگە قىسىملىرى ئاغىرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ ئورۇن مۇسكۇللىرىنىڭ تازا چېنىقمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

 (4) بەرداشلىق قۇۋۋىتى: كۆپىنچە ئەرلەر مۇسكۇلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. ئەمما، بەرداشلىق كۈچىگە سەل قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىنسىي تۇرمۇش كىشىدىن بەرداشلىق ۋە رىتىم تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بەرداشلىقنى چېنىقتۇرۇشقىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم.

ئۇنداقتا، سىزنىڭ ئەرەنلىكىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

تۆۋەندىكى 8 خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بەلكىم سىزنىڭ ئەرەنلىكىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىزغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن:

1. پۇتنى ئېگىز يەرگە قويۇپ، يەر بېغىرلاش
چېنىقىدىغان ئورۇنلار: مۆرە، كۆكرەك، 3 باشلىق مۇسكۇل، بەل-قورساق


پۇت ۋە تېزنى رەسىمدىكىدەك شار ياكى باشقا ئېگىزرەك ئورۇنغا قويۇپ، ئىككى ئالقاننى يەرگە قويۇپ، باشقا ھەرىكەتلەرنى ئۆلچەملىك يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ( بەل-دۈمبە-باش تەكشى بولۇشى كېرەك) يەر بېغىرلاش.

ئىككىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

2. يەردە يېتىپ، ئاسمانغا پەشۋا ئېتىش
چېنىقىدىغان ئورۇن: دۈمبە، بەل


ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى تىزنى ئىگىپ، ئىككى پۇتنى يەرگە تەكشى تەگكۈزۈپ، ئىككى قول ئىككى تەرەپكە تەكشى قويۇلىدۇ. ئىككى تىزنى كۆتۈرۈپ، تەدرىجىي كۆكرەككە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى قول بىلەن تىزنىڭ ئاستى تۇتىلىدۇ. باشتىن-ئاخىرى بەلنىڭ يەرگە تەكشى تېگىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ (ئەڭ مۇھىم ھالقا) ۋە بۇ خىل ھالەت 3-2 سىكۇنىت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئاستا ئىككى پۇتنى پەسكە چۈشۈرۈپ، يۇقىرىقى ھەرىكەت تەكرار ئىشلىنىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

3. تىزلىنىپ بەدەننى رۇسلاش
چېنىقىدىغان ئورۇنلار 4 باشلىق مۇسكۇل، ساغرا پۈكلەش مۇسكۇلى


ئىككى تىزنى يەرگە قويۇپ، ئىككى قولنى تەبىئىي ساڭگىلىتىپ، بەدەننىڭ ئېغىرلىقىنى ئوشۇققا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەننىڭ رۇس تۇرۇشىنى ساقلاپ، تىز بۇلۇڭىنى 90 گىرادۇس ھالىتىدە قىلىپ، بەدەن بىلەن يوتىنىڭ بىر تەكشىلىكتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاستا ئالدى-كەينىگە 10 سانتېمىتىر ئەتراپىدا قىيسىيىپ، بۇ خىل ھالەت 3-2 سىكۇنىت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئاستا ئەسلى ھالەتكە قايتىپ، يۇقىرىقى ھەرىكەت تەكرار ئىشلىنىدۇ. يۇقىرىقى ھەرىكەتنى ئىمكانقەدەر كۆپ ئىشلەش، ئىشلىگەندە بەل ئىگىلىپ قالماسلىقى ياكى بوشىشىپ كەتمەسلىكى لازىم. بولمىسا، مەشىق ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۆتىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

4. ساغرا مەشقى
چېنىقىدىغان ئورۇن: ساغرا پۈكلەش مۇسكۇلى


ئىككى پۇتنى جۈپلەپ تىك تۇرۇپ، ئىككى قولنى ئىككى بىقىنغا قويۇپ، بىر پۇتنى ئالدىغا بىر قەدەم تاشلاپ، ئالدىغا چىققان پۇتنىڭ تىزىنى سەللىمازا ئىگىپ، تاكى ساغرا قىسمى يەڭگىل دەرىجىدە تارتىشقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ھالەت 5 سىكۇنت ئەتراپىدا ساقلىنىپ، ئاندىن پۇت يەڭگىشلىنىدۇ.

بەشىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

5. ساغرا ئەگمە كۆۋرۈكى
چېنىقىدىغان ئورۇن: ساغرا، يوتا، بەل-قورساق، داس سۆڭەك مۇسكۇللىرى


ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى پۇتنى يەرگە تەكشى تەگكۈزۈپ، ئىككى تىزنى مۇۋاپىق ئىگىپ، ئىككى قولنى ئىككى تەرەپكە ئالقاننى پەسكە قارىتىپ تەكشى قويۇپ، بەدەننى كۈچەپ، ئاستا كۆتۈرۈپ ساغرىنى يەردىن ئاجرىتىپ، تاكى مۆرە بىلەن تىز بىر تەكشى سىزىققا توغرىلانغۇچە كۆتۈرۈپ، بۇ خىل ھالەتنى 2-1 سىكۇنت داۋاملاشتۇرۇپ، ئاستا ئەسلىگە قايتىپ، يۇقىرىقى ھەرىكەت تەكرار ئىشلىنىدۇ. دىققەت، باش باشتىن-ئاخىرى يەرگە تەكشى قويۇلۇپ، كۆز بەل ياكى تىزغا ئەمەس تورۇسقا قاراپ تۇرىدۇ.

ئالتىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

6. قايچىلاشما سوزۇش
چېنىقىدىغان ئورۇن: ساغرا مۇسكۇلى


دۈمبە قسىمنى يەرگە تەكشى قويۇپ، تىزنى مۇۋاپىق ئىگىپ، ئىككى قولنى ئالقاننى يەرگە قارىتىپ قويۇپ، ئوڭ تىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كۆكرەككە يېقىنلاشتۇرۇپ، سول قول بىلەن تىزنى تۇتۇپ سول كۆكرەك تەرەپكە تارتىپ، بۇ خىل ھالەتنى 20 سىكۇنت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىگە قايتىپ، يۇقىرىقى ھەرىكەت تىز ئالماشتۇرۇلۇپ تەكرار ئىشلىنىدۇ.

يەتتىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

7. قايچىلاشما تىزلىنىش
چېنىقىدىغان ئورۇن: ساغرا مۇسكۇلى


ئالقاننى يەرگە قويۇپ بەدەننى كۆتۈرۈپ، تىزنى مۆرە كەڭلىكىدە قويۇپ، يۈزنى يەرگە قارىتىپ، ئوڭ پۇتنى تۈز قىلىپ بارماقلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، ئوڭ تەرەپكە كۈچىنىپ، ئوڭ پۇتنى كۆتۈرۈپ، سول تەرەپكە پۇلاڭشىتىپ قويۇپ بېرىپ، تاكى ئوڭ پۇت سول پۇتنىڭ سول تەرىپىدە يەرگە تەگكۈچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلى ھالەتكە قايتىپ پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ھەرىكەت تەكرار ئىشلىنىدۇ. بەل ئومۇرتقا چوقۇم باشتىن-ئاخرى تۈز-رۇس تۇرۇشى كېرەك.

سەككىزىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك؟

8. پايپاق بىلەن سىيرىلىش
چېنىقىدىغان ئورۇن: مۆرە، كۆكرەك، 3 باشلىق مۇسكۇل، بەل-دۈمبە، قورساق-بەل


بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەش ئۈچۈن پۇتقا پايپاق كېيىش كېرەك. ئاندىن سىلىق يەردە يەر بېغىرلاش بەدەن شەكلىدە تۇرۇپ، ئىككى قول بىلەن كۈچەپ، ئارقىغا ئاستا سىيرىلىش ، تاكى بۇرۇن ئىككى قولنىڭ مەركىزى قىسمىغا كەلگۈچە داۋاملاشتۇرۇش، ئارقىدىنلا بەدەننى ئالدىغا سىيرىلدۇرۇپ، تاكى قورساق قىسمى ئىككى قول قويۇلغان ئورۇندىن ھالقىپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقى ھەرىكەت ئالدى - كەينىگە سىيرىلىپ تەكرار ئىشلىنىدۇ.
بېلەك باشتىن ئاخىرى تۈز بولۇشى، بەل تەكشى تۇرۇشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر