ئەرلەر قانداق خوتۇندىن قورقىدۇ؟

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

1. ئەتىدىن كەچكىچە ۋالاقلايدىغان، ھەممە ئىشتا ئېرىدىن ئاغرىنىدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ. ئەرلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا باش قاتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. كۈندىلىك ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. خوتۇن بولغۇچى بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا ئاغزى بېسىقماي ۋالاقلاۋەرسە ياكى قۇسۇر چىقىرىپ، ئېرىدىن ئاغرىنىۋەرسە، ئەر قاتتىق بىزار بولىدۇ، سەل ئېغىر - بېسىق، تەربىيە كۆرگەن ئەرلەر بولسا قۇلىقىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ ئولتۇرۇش مۇمكىن، لېكىن تاقەت قىلالمايدىغان ئەرلەر بولسا خوتۇن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ھەتتا قول تەگكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.
2. گەپ - سۆزلەر قوپال،سوغۇق تەلەت خوتۇندىن قورقىدۇ. ئادەتتە ئەرلەر قەيسەر كەلسىمۇ، لېكىن خوتۇننىڭ ئارتۇقچە كەسكىن، قاتتىق قول، ھېسسىياتسىز، ھېچكىمگە يول قويمايدىغان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئەرلەر خوتۇننىڭ مۇلايىم، كۆيۈمچان، ئەپۇچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرت.
3. ھەر ۋاقىت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلمايدىغان، شەخسىيەتچى خوتۇنى قورقىدۇ. ئادەتتە ئاياللار كىچىك ئىشلارغا ئەرلەرگە قارىغاندا ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن بۇنى شەخسىيەتچىلىك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر خوتۇن بولغۇچى ھەرقانداق  ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىنىلا ئويلىسا ئەرلەرنىڭ جەزمەن ئاچچىقى كېلىپ قالىدۇ. خوتۇن بولغۇچى ئېرىگە قارىتا شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇللىرىنى ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغىتى ئۈچۈنلا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
4. مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ.  ئېرىدىن ھەر دائىم قۇسۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان، كىچىككىنە سەۋەنلىكنى تېپىۋالسا كۆپتۈرۈپ، ھەممە يەرگە يەيدىغان ياكى ئېرىنى باشقا باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان، ئېرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، ھە دېسىلا ئىنكار قىلىدىغان، چۆكتۈرىدىغان، خوتۇنلار ئەرلەرنى ھەممىدىن بەك بىزار قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر