خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدىكەن

سەھىپە: ئەرلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/01/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

مەنبە: نۇر تورى
ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ: ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻘﯘ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻠﻮﮒ ﯞﺍﯓ ﻳﻪﻧﻠﯩﻦ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ» ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:


1. ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺭﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
«ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﯞﺍﺷﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺳﯩﺮﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺗﯘﺯ ﺗﻪﻣﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ-ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺪﯗ.
«ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ»ﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﭺ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.
2. ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
ﮪﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺘﻪﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻐﺎ ﺩﺍﻍ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ «ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
«ﺳﺎﻳﯩﻤﺎﺧﯘﻧﻼﺭ» ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﮪﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﯞﺍﯓ ﻳﻪﻧﻠﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺭﺳﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯩﻢ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻻ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ، ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻰ ﺳﺎﻧﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻤﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ ﻣﺎﻧﺎ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯘ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﺸﻰ ﺷﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ......

ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻣﻤﯘ بوﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟؟؟؟
ﻳﺎﻗﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻘﻖ!
ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯘﺭﻣﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﺘﯩﻤﻐﯘ!
ﻛﯩﻢ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰ-ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﯘﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ! ﺧﻮﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ!
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر